UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىكاككۇك

كاككۇك

ھايۋاناتلار دۇنياسى باش باھاردا كىشىلەر تاغ - دالىلاردا بىر خىل قۇشنىڭ «كاككۇك، كاككۇك» دەپ سايرىغان ئاۋازىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۇ، ھەممە ئادەم بىلىدىغان كاككۇكنىڭ سايرىغان ئاۋازى. كاككۇكنىڭ مىجەزى غەلىتە بولۇپ، ئادەتتە يەككە - يېگانە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ تۇخۇم تۇغۇپ بالىسىنى بېقىشتا ئۇۋىمۇ ياسىمايدۇ، تۇخۇممۇ باسۇرمايدۇ، چۈجىسىنىمۇ باقمايدۇ، لېكىن ئۇ ئوخشاشلا ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ. ئەسلىدە، كۆپىيىش مەزگىلىدە كاككۇك باشقا قۇشلارغا ئوخشاش ئەركەك - چىشى جۈپ بولۇپ ياشىمايدۇ. ئەكسىچە، ئەركەك - چىشىلىرى قالايمىقان چېتىشىپ بولۇپ ئايرىلىپ كېتىدۇ. چىشى كاككۇك تۇخۇم تۇغۇشتىن بۇرۇن باشقا قۇشلارنىڭ، مەسىلەن، سوپىسوپىياڭ، بوز تورغايلارنىڭ ئۇۋىسىنى پەملەپ قويۇپ، ئەتراپتىكى ئەھۋاللارنى ئوغرىلىقچە كۆزىتىدۇ، مۇبادا ھېلىقى قۇش ئۇۋىسىدىن ئايرىلسىلا، شۇ قۇشنىڭ ئۇۋىسىنى ئىگىلىۋېلىپ تۇخۇم تۇغىدۇ، ئاندىن ئۇۋىنىڭ ئىگىسى بولغان قۇشنىڭ تۇخۇمىنى تۇمشۇقىدا چىشلەپ ئېلىپ كېتىپ، ئۇۋىنىڭ ئىگىسى بولغان قۇشقا ئۆز تۇخۇمىنى باسۇرغۇزۇپ، بالىلىرىنى باققۇزىدۇ. كاككۇك ئۇزاق مۇددەت ياشاش، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانىدا يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر يۈرۈش ماھارەتنى ئىگىلىۋالغان. ئۇنىڭ تۇخۇمىنىڭ رەڭگى، چوڭ - كىچىكلىكى، ئۈستىدىكى داغ - چېكىتلىرىنى ئۆزى ئىگىلىۋالغان ئۇۋا ئىگىسىنىڭ تۇخۇمى بىلەن تامامەن ئوخشاش قىلىپ تۇغالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كاككۇك بالىسىنى باققان ئاتا - ئانىسى ھەرگىزمۇ تونۇيالماي، ئۆزلىرىنىڭ بالىسىدەك باقىدۇ. كاككۇك بالىسى كۆپىنچە باققان ئاتا- ئانىسىنىڭ بالىلىرىدىن بۇرۇن تۇخۇمدىن چىقىدۇ، ئۇنىڭدا تۇخۇمدىن چىقىپ30 نەچچە سائەت ئىچىدە ئۇۋىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۇۋا سىرتىغا تاشلىۋېتىدىغان تۇغما قىلىق بار بولۇپ، ئۇۋىدىكى باققان ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇخۇملىرى ياكى يېڭىدىن تۇخۇمدىن چىققان بالىلىرىنى پاك - پاكىز تاشلىۋېتىدۇ. بىچارە «ئاتا - ئانا» ئۆز بالىلىرىنىڭ پاجىئەگە يولۇققانلىقىنى بىلمەي، ئۇۋىدىكى «يالغۇز بالا» نى كۆڭۈل قويۇپ باقىدۇ. ئەمما، كاككۇك چۈجىسى مىننەتدار بولماي، ئون نەچچە كۈندىن كېيىن پەي - قانات چىقىرىپ يېقىن ئەتراپتا ھەرىكەت قىلىۋاتقان «ئۆز ئانىسى» غا ئەگىشىپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ. كاككۇك پايدىلىق قۇش، قارىغاي تۈكلۈك قۇرتىنى يېيىشكە ناھايىتى ئامراق بولۇپ، قارىغاي تۈكلۈك قۇرتىنى تۇتۇشقا ماھىر قۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ، ئورماننى قوغدىغۇچى جەڭچى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى