ئۇز بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
تروپىك بەلۋاغنىڭ دەريا - كۆللىرىدە تېنى بىرقەدەر كىچىك، ئوچۇق رەڭدار بىر خىل بېلىق ياشايدۇ، كىشىلەر ئۇنى ئۇز بېلىق (سىخلا بېلىقى) دەپ ئاتايدۇ. ئۇز بېلىقنىڭ تېنى ئۇرچۇق شەكىللىك، دۈمبە ئۈزگۈچىسى بىرقەدەر چوڭ، قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى يەلپۈگۈچ شەكىللىك بولىدۇ.
كۆپىيىش مەزگىلىدە تۇرغان ئۇز بېلىقنىڭ تۇغىدىغان تۇخۇم سانى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ چوڭ ئاغزىغا بارلىق ئۇرۇقلانغان تۇخۇملىرىنى سىغدۇرالايدۇ. چىشى بېلىق تۇخۇمنى ئاغزىغا ئېلىۋېلىپ سۇ ئېقىمىنى بويلاپ ئۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۇخۇم بىر تەرەپتىن بىخەتەر بېلىجان چىقىرىش سورۇنىغا ئىگە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېتەرلىك ئوكسىگېنمۇ قوبۇل قىلالايدۇ. تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلىدە، ئانا بېلىق تۇخۇمدىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان بېلىجانلىرىنى يۇتۇۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇدا ئون نەچچە كۈن يېمەيدۇ ھەم ئىچمەيدۇ. تۆرەلمىلەرنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئانا بېلىقنىڭ ئىككى مەڭزى سىقىلىپ ئىنتايىن كۆپۈپ كېتىدۇ. بەزىدە ھەتتا بېشى غەلىتە ھالەتكە كىرىپ قالسىمۇ، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ مېھرىدىن كېچەلمەيدۇ.
تۇخۇمدىن يېڭى چىققان بېلىجانلار ئانىسىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى داۋاملىق تۈردە دەم ئېلىش سورۇنى قىلىدۇ، سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، لېكىن خەۋپكە يولۇقسا يەنە دەرھال ئانىسىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. بېلىجان مەزگىلىدە ئۇلار توپ - توپ بولۇپ ئانىسىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئوينايدۇ، ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ئەركەك بېلىق بولسا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، دۈشمەنلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرىدۇ. بېلىجانلار چوڭىيىپ مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولغاندا ئاتا - ئانىسى خاتىرجەم بولۇپ ئۇلارنى ئەركىن قويۇۋېتىدۇ.
ئۇز بېلىقنىڭ گۆشى مەززىلىك، يەنە تاماشا قىلىنىش قىممىتىمۇ بار