UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىيەلكەنبېلىق

يەلكەنبېلىق

ھايۋاناتلار دۇنياسى يەلكەنبېلىق (گىستيوفورۇس بېلىقى) دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدىغان چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ گۆشخور بېلىق. ئۇنىڭ كۆزى يۇمىلاق، ئاغزى چوڭ، ئۈستۈنكى تۇمشۇقى ئۇزۇن ئۇچلۇق بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن خەنجەرگە ئوخشايدۇ، ئۇ، ھۇجۇم قىلىش تىپىدىكى كۈچلۈك قورالى ھېسابلىنىدۇ. يەلكەنبېلىقنىڭ تېنى دىقماق، توم، ئۇرچۇق شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى2 −3 مېتىر بولۇپ، تەن ئېگىزلىكىنىڭ10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، قۇيرۇقى «八» شەكىلدە ئاچىماقلىنىپ خۇددى بىر چوڭ ئورغاققا ئوخشايدۇ. بېشىنىڭ دۈمبە قىسمى كۆك سۆسۈن، قورساق قىسمى سۇس قارا، تېنىنىڭ ئىككى يان تەرىپى كۈل رەڭ كىچىك يۇمىلاق داغلار بىلەن قاپلانغان. يەلكەنبېلىقتا ئۆزئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئىككى دۈمبە ئۈزگۈچىسى بولىدۇ. بىرىنچى دۈمبە ئۈزگۈچىسى يۇمشاق، ئېگىز، قارىماققا لەپىلدەپ تۇرغان بايراققا ئوخشايدۇ. ئۇ، ئەركىن قاتلىنىپ، ئېچىلىپ، يېپىلالايدۇ. ئىككىنچى دۈمبە ئۈزگۈچىسى قىسقا ھەم پاكار بولۇپ، قۇيرۇق سېپى قىسمىغا جايلىشىدۇ، يەلكەنبېلىق ھەر قېتىم تېز سۈرئەتتە ئۈزۈشتە ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىش ئۈچۈن بايراقسىمان چوڭ دۈمبە ئۈزگۈچىسىنى دۈمبە قىسمىدىكى ئاستىغا ئولتۇرۇشقان ئېرىقچىسىغا يىغىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېز ئۈزۈپ «سۇ ئۈزۈش چېمپىيونى» دېگەن نام ئالغان. سۇ ئۈزۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا توغرا كەلسە، «بايرىقى» نى تىكلەپ سۇ ئۈزۈشتىكى قارشىلىق كۈچنى ئاشۇرىدۇ. يەلكەنبېلىق سۇنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئۈزۈپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بايراقسىمان دۈمبە ئۈزگۈچىسى ۋە ئورغاقسىمان قۇيرۇق ئۈزگۈچىسىنى دائىم سۇ ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇپ، ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۈزۈپ يۈرىدۇ. باشقا دېڭىز - ئوكيان بېلىقلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشتە ئۇزۇن ئۇچلۇق خەنجەرسىمان تۇمشۇقىغا ۋە سۇنى تېز ئۈزۈشتەك ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، بېلىق توپىغا بۆسۈپ كىرىپ، ھەدېسىلا ئۇرۇپ - سوقۇپ، ئالدىغا كەلگەننى خالىغانچە ئۆلتۈرۈۋېرىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي دېڭىز يۈزى قانغا بويىلىپ، ئۆلۈك بېلىقلار سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى تويغىچە بىر - بىرلەپ يەيدۇ. يەلكەنبېلىق چوڭ تىپتىكى كىتكە ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى قېيىقلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ دېڭىز - ئوكيانلاردىكى رەھىمسىز قاتىل دەپ قارىلىدۇ. يەلكەنبېلىق بىر يىلنىڭ ھەممە پەسىللىرىدە تۇخۇم تۇغۇۋېرىدۇ، ھەر يىلى1 - ئايدا جەنۇبىي يېرىم شاردىكى دېڭىزلاردا تۇخۇم تۇغىدۇ،3 - ئايدىن7 - ئايغىچە شىمالىي يېرىم شاردىكى دېڭىزلاردا تۇخۇم تۇغۇشنى ئاساس قىلىدۇ، تۇخۇمىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن6 .1 مىللىمېتىر چىقىدۇ، تەخمىنەن ئۈچ كۈندە بېلىجان چىقىرىدۇ، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان بېلىجاننىڭ ئۇزۇنلۇقى4 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئۇلار چوڭىيىپ10 مىللىمېتىرغا يەتكەندە باشقا بېلىقلارنى يېيەلەيدىغان بالا بېلىققا ئايلىنىدۇ. ھېسابلىنىشىچە، يەلكەنبېلىق ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن25 سانتىمېتىر يوغىنايدىكەن، يېتىلگەندىكى تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1 ~3 مېتىر چىقىدىكەن. يەلكەنبېلىق ئاساسەن تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكياننىڭ تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ دېڭىز رايونلىرىدا ياشايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ نەنخەي دېڭىزى رايونىدىمۇ ياشايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى