شەپەرەڭ بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دۆلىتىمىزنىڭ نەنخەي دېڭىزىدا پاراخوتتا ماڭسىڭىز، بىر چوڭ مەخلۇقنىڭ توساتتىن سۇدىن سەكرەپ چىقىپ، بېشىڭىز ئۈستىدىن ئۆتۈپ، پاراخوت پالوبىسىدىن ھالقىپ ئالدىغا ئېتىلىپ «پولتۇڭڭىدا» قىلىپ سۇغا چۈشۈپ سانسىزلىغان بۇژغۇن چىقىرىپ، سۇدا غايىب بولىدىغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇ شەپەرەڭ بېلىق بولۇپ، چوڭ تىپتىكى كۆمۈرچەكلىك بېلىقتۇر. ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى7 مېتىردىن ئارتۇق، ئېغىرلىقى2 توننا چىقىدۇ، ئەگەر كىچىك كېمىگە ئۇرۇلۇپ كەتسە كېمە ئۆرۈلۈپ ئادەم ئۆلۈشتەك پاجىئە كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى «دېڭىزدىكى ئالۋاستى» دەپ ئاتايدۇ.
شەپەرەڭ بېلىقنىڭ شەكلى ئالاھىدە بولۇپ، خۇددى ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان شەپەرەڭگە ئوخشايدۇ. بېشىدا مىدىرلاپ تۇرىدىغان ئىككى «مۈڭگۈزى» بار بولۇپ، «باش ئۈزگۈچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئوڭ - سولغا ھەرىكەتلىنەلەيدۇ، ئوزۇقلۇق تۇتقاندا ئاغزىنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئۇزىراپ بېرىپ ئوزۇقلۇقنى ۋارونكىغا ئوخشاش ئېغىزىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئوڭ، سول ئىككى كۆكرەك ئۈزگۈچىسى ياپىلاق ھەم كەڭ بولۇپ، گەۋدە قىسمى بىلەن بىرلىشىپ زور بىر بەدەن تەخسىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، سۇ ئۈزۈشتە كۆكرەك ئۈزگۈچىسى ئاستى - ئۈستىگە «قانات قېقىپ» ھەرىكەت قىلىپ، قانات كېرىپ ئۇچۇۋاتقان شەپەرەڭگە ئوخشايدۇ. دۈمبىسىدە تېگى كۈل رەڭ، ئاق داغلار ئارىلاشقان كىيىمى بولىدۇ، ئارقىسىدا ئۇزۇن قامچىسىمان قۇيرۇقى سۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، قۇيرۇقى سۇ ئۈزگەندە تېنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
شەپەرەڭ بېلىق توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەر قېتىم كۆپىيىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە جۈپ - جۈپ ئاشىق - مەشۇقلار سۇ ئىچىدە ئۈزۈپ، يېنىك ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ؛ بەزىدە قىزىپ كېتىپ قوش ئۈزگۈچىسى بىلەن سۇ يۈزىدە پالاقشىيدۇ، ئاسمانغا سەكرەيدۇ، سۇ يۈزىدىن4 مېتىر ئېگىز ئۇچۇپ چىقىپ قۇيرۇقىنى سۆرەپ لەيلەپ پەسلەيدۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى، شەپەرەڭ بېلىقنىڭ بېلىجىنى ئانىسى ئاسماندا ئۇچۇۋاتقاندا تۇغۇلىدۇ.
شەپەرەڭ بېلىق تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيانلىرىدا ياشايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ نەنخەي دېڭىزى ۋە تەيۋەن بوغۇزى ئۇلارنىڭ سۇدىن ئاسمانغا سەكرەش ئويۇنىنى كۆرسىتىدىغان مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. شەپەرەڭ بېلىقنىڭ گۆشى مەززىلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ، بولۇپمۇ شەپەرەڭ بېلىقنىڭ ژابراسى قىزىل چىققان بالىنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈملىك بولۇپ،ئۇنىڭدىن نەنخەي دېڭىزىدىكى بېلىقچىلار ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىدۇ.