UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسۇ ئاتار بېلىق

سۇ ئاتار بېلىق

ھايۋاناتلار دۇنياسى چارپاقىنىڭ ئاق قۇ گۆشىنى يېمەكچى بولغانلىقى بىر خام خىيال. لېكىن، سۇدا ياشايدىغان سۇ ئاتار بېلىق (توكسوتېس بېلىقى) ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن پەرۋانىلەرنى تۇتۇپ يېيەلەيدۇ. سۇ ئاتار بېلىق ئىنتايىن ھەرىكەتچان، شوخ، رەڭگى چىرايلىق. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە، بىر جۈپ كۆپۈكسىمان كۆزى بار. كۆزىنىڭ ئېقىدا توختىماي چۆرگىلەپ تۇرىدىغان يول - يول تىك سىزىقچىلىرى بولىدۇ، سۇ يۈزىدە ئۈزگەندە سۇ يۈزىدىكى نەرسىلەرنىلا كۆرۈپ قالماستىن، ھاۋادىكى نەرسىلەرنىمۇ كۆزىتەلەيدۇ. تۇتىدىغان نىشانى ئۇچراپ قالسا، نىشانغا ئوغرىلىقچە ئۈزۈپ بېرىپ، ئالدى بىلەن قارىغا ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئاغزىدىن سۇ ئېتىپ چىقىرىپ ھاشاراتنى سۇغا چۈشۈرىدۇ. ئۇ سۇنى3 مېتىر ئېگىزلىككە ئېتىپ چىقىرالايدۇ، شۇڭا30 سانتىمېتىر ئارىلىقتىكى پەرۋانىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چىۋىن، ھەسەل ھەرىسى، كېپىنەك قاتارلىقلارغا ئوخشاش كىچىك ھاشاراتلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈپلا قالماستىن، ئادەمنىڭ كۆزىنىمۇ زەخىملەندۈرىدۇ. سۇ ئاتار بېلىق بۇ خىل ماھارىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تامامەن ئاغزىغا تايىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاغزى ناھايىتى ئۆزگىچە، ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ گىرۋىكىدە ناھايىتى ئىنچىكە بىر يول ئوقۇرى بولۇپ، تىلىنىڭ ئۇچى بىلەن بىر «سۇ مىلتىقى نەيچىسى» نى شەكىللەندۈرىدۇ. سۈمۈرۈۋالغان سۇنى «مىلتىق نەيچىسى» دىن ئېتىپ چىقارسىلا، تېز ئاقىدىغان سۇ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ ھاشاراتنى قارىغا ئېلىپ ئېتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ياقىسى ۋە بەزى تاقىم ئاراللارنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردا سۇ ئاتار بېلىقنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى