مېگاپودىئۇس قۇشى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
مېگاپودىئۇس قۇشى ئاۋسترالىيىدە ئالاھىدە ياشايدىغان قۇشلارنىڭ بىرى. ئۇ ئىللىق ئۇۋا ياساپ تۇخۇم تۇغۇپ ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلەن قۇشلار ئىچىدە نام چىقارغان.
مېگاپودىئۇس قۇشى تۈر ۋە تارقىلىش رايونى جەھەتتە پەرقلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇۋا ياساش شەكلى ۋە ئۇسۇلى جەھەتتىمۇ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاۋسترالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يايلاقلاردىكى چاتقاللىقلاردا ياشايدىغان داغ كۆزلۈك مېگاپودىئۇس قۇشىنىڭ ئۇۋا ياساش جەريانى بەك مۇرەككەپ، ئۇۋا ياساش ۋاقتىمۇ بەك ئۇزۇن. بۇ رايوننىڭ شارائىتى ناچار، كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا پەرقى زور بولغانلىقتىن مېگاپودىئۇس قۇشى تۇخۇمىنىڭ بەلگىلىك تېمپېراتۇرىغا ئېرىشىپ نورمال باسۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل دەرەخلەرنىڭ غازاڭلىرىنى يىغىپ، دۆۋىلەپ گۈمبەزسىمان ئۇۋا ياسايدۇ. غازاڭلار سېسىپ ئېچىپ چىقارغان ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ تۇخۇم باسۇرىدۇ.
ھەر يىلى كۈزدە (جەنۇبىي يېرىم شاردا تەخمىنەن4 - ئايلاردا) ئەركەك داغ كۆزلۈك مېگاپودىئۇس قۇشى قوشنىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىللىق ئۇۋا ياساشقا باشلايدۇ. ئۇلار تۆت ئەتراپتىن چاتقال، ياۋا ئوت - چۆپ، دەرەخ يوپۇرمىقى قاتارلىقلارنى يىغىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن كۈچلۈك بارماق، ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن چوڭقۇرلۇقى1 مېتىر، دىئامېتىرى5 .2 مېتىر كېلىدىغان بىر چوڭ ئورا كولايدۇ، يىغىپ كەلگەن دەرەخ شېخى، ياۋا ئوت - چۆپ قاتارلىقلارنى كېچىسى ئورىغا سېلىپ تىندۇرىدۇ، چىشى قۇش چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن شۇ يەرگە تۇخۇم تۇغىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئەركەك، چىشى قۇشلار بىرلىكتە ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرەخ شېخى ۋە قۇم - توپا دۆۋىلەپ، تۇخۇملىرىنى يېپىپ بىر چوڭ گۈمبەز شەكىللەندۈرىدۇ. گۈمبەز ئىچىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تېزدىن ئېچىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ - دە، تۇخۇملار تەدرىجىي باسۇرۇلۇشقا باشلايدۇ. مېگاپودىئۇس قۇشىنىڭ تۇخۇمى باسۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېمپېراتۇرىنىڭ تۇراقلىق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما، شاخ - شۇمبىلارنى دۈملەپ ئېچىتىش ئارقىلىق چىقىرىلغان ئىسسىقلىقنىڭ تۇراقلىق تېمپېراتۇرىنى ساقلىشى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ. ئەقىللىق ئەركەك قۇش بۇ زىددىيەتنى يېڭىش ئۈچۈن شاخ - شۇمبا دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ قانىتىنىڭ ئاستىدىكى پېيى يوق يالىڭاچ قىسمىنى چىرىگەن توپا دۆۋىسىگە يېقىپ ياكى بېشىنى تۆشۈكنىڭ ئىچىگە ئىچكىرىلەپ تىقىپ، تېمپېراتۇرىنى تېرىسى ئارقىلىق ئۆلچەپ سىناپ كۆرۈپ، دۆۋىدىكى شاخ - شۇمبىنى ئېلىۋېتىدۇ ياكى ئۈستىگە يەنە شاخ - شۇمبا دۆۋىلەپ تۇخۇمنىڭ باسۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان تېمپېراتۇرىنى ℃30 ~ ℃
43 ئەتراپىدا ساقلايدۇ. ئەركەك مېگاپودىئۇس قۇشى كۈزدىن باشلاپ قىشقىچە، باھاردىن باشلاپ يازغىچە ئون ئاي ئەتراپىدا جاپا تارتىدۇ، يالغۇز گۈمبەز ياساش ئۈچۈنلا تۆت ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. ھالبۇكى،9 ~12 ھەپتە باسۇرۇلۇش مەزگىلىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قۇش بالىلىرى بولسا90 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى توپا ئاستىدا تۇخۇمدىن چىقىدۇ. توپا دۆۋىسىدىن15 ~20 سائەت تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئاندىن سىرتقا چىقىدۇ. تۇخۇمدىن يېڭى چىققان بۇ زېرەك قۇش بالىلىرى جاپا - مۇشەققەتلىك ئەجىر سىڭدۈرگەن ئاتا - ئانىسىنى تونۇمايدۇ. ئالدى بىلەن يەر يۈزىدە قانات قېقىپ يۈگۈرىدۇ،24 سائەتتىن كېيىن ئۇچالايدۇ، ئاندىن ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشايدۇ. تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن ئۇلارمۇ ئاتا - ئانىسىغا ئوخشاش جاپا - مۇشەققەتلىك گۈمبەز ياساش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.