UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىھەسەل ھەرىسى

ھەسەل ھەرىسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھەسەل ھەرىسى تەبىئەتتىكى قالتىس ماھارەتلىك قۇرۇلۇش ئۇستىسى. بۇنى ھەرە كۆنىكىنىڭ نەپىس قۇرۇلمىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ھەرە ئۇۋىلىرى نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە10 مىڭ ھەرە كۆنىكىدىن تەركىب تاپىدۇ. ھەرە كۆنىكىنىڭ ھەممىسى چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئالتە قىرلىق پرىزما شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسى ئۈچ دانە تەپمۇ تەڭ رومبا شەكىللىك يۈز بىلەن يېپىلىپ بىر يېتىق بۇلۇڭلۇق كونۇس شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۈچ دانە رومبا شەكىلنىڭ تار بۇلۇڭلىرى ئوخشاشلا ′23°07، ھەربىر ھەرە كۆنىكىنىڭ سىغىمى ئاساسەن دېگۈدەك25 .0 كۇب سانتىمېتىر، ھەربىر قاتاردىكى ھەرە كۆنەكلىرى ئۆزئارا پاراللېل تىزىلىدۇ ھەمدە ئۆزئارا گىرەلىشىپ نەپىسلىكتە تەڭدىشى يوق ھەرە ئۇۋىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنداق قۇرۇلمىلىق تۇرالغۇغا كېتىدىغان ماتېرىيال ئاز، سىغىمى چوڭ بولىدۇ، ئۇ گېئومېتىرىيە ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ھەم ئەمگەك كۈچىنى تېجەپ ئىشلىتىش پرىنسىپىغا ئىنتايىن ئۇيغۇن بولۇپ، ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ياسىلىپ چىقىلغان. ھەسەل ھەرىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش سۈرئىتىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بىر ھەرە توپى بىر كېچە - كۈندۈز ئىچىدە مىڭلىغان ھەرە كۆنەكلىرىنى ياساپ بولىدۇ. ھەرە كۆنىكى ئىشچى ھەرىنىڭ قورساق قىسمىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى تۆت جۈپ موم بېزى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سېرىق موم بىلەن ياسىلىدۇ. ئىشچى ھەرە ئۆسۈپ12 ~18 كۈنلۈك بولغاندا موم بېزى تولۇق يېتىلىپ بولىدۇ. ھەرە ھەرە كۆنىكى ياساشتا ئالدى بىلەن ھەسەلگە بىر تويۇۋالىدۇ، ئاندىن ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپ مىقداردا سېرىق موم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بىر ھەرە توپىدا ئىشچى ھەرە ئاساسىي گەۋدە بولۇپ، تەخمىنەن70 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇغماس چىشى ھەرىلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئانا ھەرە ۋە600 ~800 ئەركەك ھەرە بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئەزادىن تەركىب تاپقان ھەرە توپىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن تۇراقلىق، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولىدۇ، ئۇلار يۈكسەك دەرىجىدە توپلاشقان بىر ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ھاشارات ھېسابلىنىدۇ. ئىشچى ھەرە پۈتۈن ئائىلىنىڭ بارلىق ئەمگەكلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، ئانا ھەرىنى كۈتىدۇ، بالا ھەرىلەرنى باقىدۇ، ھەرە ئۇۋىسىنى رېمونت قىلىپ، ھەرە كۆنىكى ياسايدۇ، ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ، گۈل يىغىپ ھەسەل ياسايدۇ، ئىشىكتە قاراۋۇللۇق قىلىدۇ. ئەركەك ھەرە ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمدىن يېتىلىدۇ، كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل، ئۇنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى ئانا ھەرە بىلەن چېتىشىش بولۇپ، باشقا ھېچقانداق ئىش قىلمايدۇ. ئانا ھەرىنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى تۇخۇم تۇغۇش، ئانا ھەرە ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۇچۇپ چىقسا نەچچە يۈزلىگەن ئەركەك ھەرە ئارقىدىن قوغلايدۇ. ئاخىرىدا ئۇچۇشى تېز، تېنى قاۋۇل بولغان بىر ئەركەك ھەرە ئانا ھەرە بىلەن چېتىشىدۇ. ئەركەك ھەرە چېتىشقاندا پۈتۈن كۆپىيىش ئەزاسى ئانا ھەرىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى ئىچىگە چۈشۈپ قالىدۇ، شۇڭا ئەركەك ھەرە ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ قالىدۇ. ئانا ھەرە بىلەن چېتىشىشقا نېسىپ بولمىغان ئەركەك ھەرىلەرنى ئىشچى ھەرە ئۇۋىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، ئۇلار «ئەمگەك» قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىر ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھەسەل ھەرىسى | UyghurWiki | UyghurWiki