UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىخالتىلىق بورسۇق

خالتىلىق بورسۇق

ھايۋاناتلار دۇنياسى خالتىلىق بورسۇق ئوكيانىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال − تاسمانىيە ئارىلىدا ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئىسكەتى سەت، مىجەزى ۋەھشىي، بوغۇق ئاۋازدا ھۆركىرەيدىغان بولغاچقا، يەرلىكلەر ئۇنى تاسمانىيە ئالۋاستىسى دەپ ئاتايدۇ. خالتىلىق بورسۇق بىر خىل خالتىلىق ھايۋان بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى بۆرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بەدىنىدىكى پۈتۈن يۇڭلىرى قارا، پەقەت كۆكرىكىنىڭ ئالدى يان تەرىپى ۋە ساغرىسىدا ئاق داغلىرى بار؛ قورساق قىسمىدىكى خالتىسىنىڭ ئاغزى ئارقا تەرەپكە ئېچىلىدۇ، ئىچىدە ئىككى ئەمچەك توپچىسى بولىدۇ. خالتىلىق بورسۇقنىڭ تېنى قاۋۇل بولۇپ، قارا ئېيىققا ناھايىتى ئوخشايدۇ؛ پۇتلىرى مەزمۇت، يۈگۈرۈپ مېڭىشقا ماھىر؛ چىشلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شەمشەر پىچاققا ئوخشايدۇ. خالتىلىق بورسۇق كۈندۈزى ئۆڭكۈردە ئۇخلاپ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئۇ قارا رەڭلىك «چاپىنى» بىلەن نىقابلىنىپ، سىرتقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ. ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، ئازراق شەپە بولسىلا، يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئوۋنىڭ ئارقىدىن تىمىسقىلاپ مېڭىپ، ئوۋغا يېقىنلاشقاندا بىردىنلا ئېتىلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئەجەللىك يېرىنى چىڭ چىشلىۋېلىپ قويۇپ بەرمەيدۇ. ئەگەر كۈچى تەڭ كېلىدىغان رەقىب بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىمۇ ھايات - ماماتلىق ئېلىشىدۇ ھەمدە بىردەم - بىردەم قاتتىق ھۆركىرەپ ھەيۋە قىلىدۇ. خالتىلىق بورسۇق ھېچنېمە تاللىماي ئالدىغا كەلگەننى يەۋېرىدۇ، كۆپىنچە ھايۋانلارنىڭ تاپلىرىنى يەيدۇ، شۇڭا، كىشىلەر بىر پارچە گۆشنى يەمچۈك قىلسىلا ئۇنى تۇتالايدۇ. خالتىلىق بورسۇق سۇ ئۈزۈشكە ئامراق، دۈشمىنى قوغلىسا، سۇغا سەكرەپ كىرىۋېلىپ بىخەتەر جايغا ئۈزۈپ بېرىۋالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
خالتىلىق بورسۇق | UyghurWiki | UyghurWiki