مامونت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
پىل ھازىرقى زاماندا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋان، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە بىرقەدەر ئاز ئۇچرايدىغان ۋە ئۆز ئالدىغا يەككە - يېگانە ياشايدىغان ھايۋانلار تۈركۈمىدۇر. ھازىر دۇنيادا ساقلىنىپ قالغانلىرى پەقەت ئاسىيا پىلى بىلەن ئافرىقا پىلىدىن ئىبارەت ئىككى تۈر توپىلا بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ياشايدۇ. لېكىن، ئۆتمۈشتىكى يىراق مەزگىللەردە پىللارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئوكيانىيە ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىن باشقا بارلىق چوڭ قۇرۇقلۇقلارغا كەڭ تارقالغانىدى. كېيىن، مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.
مامونت نەسلى قۇرۇپ كەتكەن پىللار ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر بىر تۈر بولۇپ، تېنىنىڭ شەكلى ئاسىيا پىلىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى، لېكىن ئارقا پۇتى قىسقا بولۇپ، پۈتۈن تەن شەكلى ئارقىغا قىڭغايغانىدى.10 −20 مىڭ يىللار ئىلگىرى ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا تارقالغانىدى. پالېئوبىئولوگىيە ئالىملىرى سىبىرىيىنىڭ مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقلىق يەر قاتلىمىدىن ۋە ئالياسكا يېرىم ئارىلىدىن مامونتنىڭ20 دىن ئارتۇق مۇكەممەل جەسىتىنى قېزىۋالغان، ئۇلار مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، قان تومۇرلىرىغا قان تولۇپ تۇرغان، قېرىنىدا يېشىل ئوت - چۆپ ۋە دەرەخ شاخلىرى ساقلانغان. مامونت مۇزلۇقلارنىڭ گىرۋىكىدىكى جايلاردا ياشىغان، بۇ ئالاھىدە مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تېنى كىچىكلىگەن، تېرىسى قېلىنلاشقان، پۈتۈن تېنى قويۇق ئۇزۇن يۇڭلار بىلەن قاپلانغان، شۇڭا ئۇ تۈكلۈك مامونت دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ مۈرە ۋە دۈمبە قىسمىدىكى تۈكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى50 سانتىمېتىر، تېرىسى ئاستىدىكى مېيىنىڭ قېلىنلىقى6 .7 سانتىمېتىر بولۇپ، قاتتىق سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش رولىغا ئىگە. ئېگىز ھەم يۇمىلاق بېشىنىڭ چوققىسىدا بىر يوغان ئۆسمە بار بولۇپ، ئىچىدە زاپاس ماي ساقلانغان، بېشىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە بىر ئۇزۇن، ئەگرى خارتۇمى بار. ئۇلارنىڭ ئۇتتۇر چىشى (كۈرەك چىشى) ئالاھىدە ئۇزۇن ھەمدە ئىچىگە كۈچلۈك ئېگىلگەن، ئەڭ ئۇزۇنلىرى5 مېتىر كېلىدۇ. مامونتنىڭ ساغرا قىسمى تۆۋەن ئولتۇرۇشقان، قۇيرۇقىدا بىر تۇتام ئۇزۇن تۈكلىرى بار، پۇت بارمىقىنىڭ سانى ھازىرقى زاماندىكى پىلنىڭكىدىن بىرى كەم بولۇپ، ئاران تۆت بارمىقى بار.
مامونت نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىش سەۋەبى توغرىسىدىكى كۆزقاراش ھازىرغىچە بىرلىككە كەلمىدى.