UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسېرىق قانات بېلىق ۋە تاجلىق دېڭىز كىرپىسى

سېرىق قانات بېلىق ۋە تاجلىق دېڭىز كىرپىسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى تاجلىق دېڭىز كىرپىسى سۇس قىزىل قوڭۇر رەڭلىك، تېنى غايەت زور دېڭىز كىرپىسى بولۇپ، تىكەنلىرى ھەم ئۇچلۇق، ھەم ئۇزۇن، زەھىرى كۈچلۈك، شۇڭا بارلىق ھايۋانلار ئۇنى كۆرسە قورقۇپ كېتىدۇ. لېكىن، سېرىق قانات بېلىق بولسا تاجلىق دېڭىز كىرپىسىنىڭ تىكەنلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆيى قىلىۋالىدۇ، ھەربىر تاجلىق دېڭىز كىرپىسىگە بىر توپ سېرىق قانات بېلىقلار ھەمراھ بولىدۇ. سېرىق قانات بېلىق دائىم تاجلىق دېڭىز كىرپىسىنىڭ تازىلىقىنى قىلىدۇ: ئۇلار خوجايىنىنىڭ تېرىسىدىن بىرنەرسىلەرنى ئەستايىدىل چوقۇلاپ يەيدۇ، تاجلىق دېڭىز كىرپىسى ئۇلارغا زىيان سالمايلا قالماستىن، بەلكى تىكەنلىرىنى قەستەن باغلام - باغلام قىلىپ يىغىشتۇرۇۋېلىپ، سېرىق قانات بېلىقنىڭ ئۆز بەدىنىگە بەھۇزۇر يېقىنلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. سېرىق قانات بېلىق كۈندۈزى تاجلىق دېڭىز كىرپىسىنىڭ تىكەنلىرىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئەگەر خەۋپلىك ئەھۋالنى بايقاپ قالسا، دەرھال خوجايىنىغا قۇتقۇزۇش ھەققىدە سىگنال بېرىدۇ. دېڭىز كىرپىسى تىكەنلىرىنى دەرھال ئېچىپ، كىچىك بېلىقلارنى ئىچىگە يوشۇرۇۋالىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، كىچىك بېلىق تېنىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، ئوچۇق ئاسمان كۆكى رەڭگىگە ئۆزگىرىپ، دېڭىز كىرپىسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىۋېتىدۇ، سۇس قىزىل قوڭۇر رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈشتە، تىكەنلەر ئارىسىدىن گۈزەل سۇس كۆك ۋە قېنىق كۆك رەڭلىك داغلار چاقناپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
سېرىق قانات بېلىق ۋە تاجلىق دېڭىز كىرپىسى | UyghurWiki | UyghurWiki