UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىجۇڭخۇا ئوستېر بېلىقى

جۇڭخۇا ئوستېر بېلىقى

ھايۋاناتلار دۇنياسى جۇڭخۇا ئوستېر بېلىقى دۆلىتىمىزدە ئالاھىدە بار بولغان قەدىمكى، ئەتىۋارلىق بېلىق. مىلادىيىدىن1000 يىل بۇرۇنقى جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭخۇا ئوستېر بېلىقىنى شاھى ئۇرچۇق بېلىقى دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ تۇمشۇقى ئۇچلۇق تومپايغان، ئاغزى كىچىك، چىشى يوق، تېنى ئېللىپسسىمان يۇمىلاق شەكىللىك. ئاغزىنىڭ ئالدىدا تۆت تال سېزىش بۇرۇتچىلىرى بار بولۇپ، سۇ ئاستىدىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنى، كىچىك بېلىقلارنى ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. جۇڭخۇا ئوستېر بېلىقى چوڭ تىپتىكى كۆچمەن بېلىق بولۇپ، خۇددى كۆچمەن چارۋىچىلارغا ئوخشايدۇ، دەريالاردا تۇخۇمدىن چىقىپ، دېڭىز - ئوكيانلاردا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. يېتىلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن9 ~12 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. تولۇق يېتىلگەندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ تېيىز دېڭىز رايونلىرىدىن دەريا ئېغىزلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ، شۇ جايدا سەمرىپ، ماكانلىشىدۇ. كۈز پەسلىدە چاڭجياڭ دەرياسىنى بويلاپ ئېقىنغا قارشى ئۈزۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى جىنشياجياڭ دەرياسى ئەتراپىغا بېرىپ تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. بېلىجانلىرى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ دەريا ئېغىزىغا، دېڭىز - ئوكيانلارغا كېلىدۇ. جۇڭخۇا ئوستېر بېلىقىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ،100 −200 يىل ياشىيالايدۇ. تېنى2 مېتىردىن ئارتۇق چوڭىيالايدۇ، چىشى بېلىقنىڭ ئېغىرلىقى200 −300 كىلوگرام كېلىدۇ. جۇڭخۇا ئوستېر بېلىقىنىڭ گۆشى سېمىز، مەززىلىك، تۇخۇمدىن ياسالغان ئىكرا قىيامى (بېلىق تۇخۇم قىيامى) قىممەتلىك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ؛ پۈۋىكى ۋە ئومۇرتقىسىدىن بېلىق يېلىمى ياساشقا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇن ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ تۇتۇلۇپ كەتكەنىدى. نۇرغۇن سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىدا ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا سەل قارالغانلىق سەۋەبىدىنمۇ بۇ خىل بېلىقنىڭ تەبىئىي بايلىق مەنبەسى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان. ھازىر، جۇڭخۇا ئوستېر بېلىقى نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق قوغداش تەلەپ قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى