گورچاك بېلىقى ۋە دەريا سەدەپدارى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
گورچاك بېلىقى بىلەن دەريا سەدەپدارى ئەڭ يېقىن دوست بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بالا باققۇچى بولىدۇ.
گورچاك بېلىقى تاتلىق سۇلۇق كۆل، سازلىقلاردا ياشايدۇ، جۇغى كىچىك، كۆرۈنۈشى ناھايىتى چىرايلىق؛ كۈمۈش رەڭ تېنىگە سېرىق ۋە كۆك يېشىل رەڭلىك داغلار ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، رەڭگى ئوچۇق كۆركەم، تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلىدە، ئەركەك - چىشىلىرى بىرلىكتە سۇدىن دەريا سەدەپدارىنىڭ تۇرىدىغان ئورنىنى ئىزدەيدۇ. دەريا سەدەپدارىنى بايقىغان ھامان، چىشى بېلىق تۇخۇم تۇغۇش نەيچىسىنى چىقىرىپ، دەريا سەدەپدارىنىڭ سۇ كىرىش تۆشۈكىگە سانجىپ كىرگۈزۈپ، تۇخۇمىنى سەدەپدارنىڭ سىرتقى قاپچۇق بوشلۇقىغا سالىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىدىن ئەركەك بېلىقمۇ دەريا سەدەپدارىنىڭ سۇ كىرىش تۆشۈكىنىڭ يېقىن ئەتراپىغا ئىسپېرمىلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىسپېرما سۇ ئېقىنى بىلەن سىرتقى قاپچۇق بوشلۇقىغا كىرىپ تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم دەريا سەدەپدارىنىڭ ژابرا (ساقاق) كلاپانلىرى ئارىلىقىغا يۆتكىلىپ بېرىپ شۇ يەردە يېتىلىدۇ. دەريا سەدەپدارى ئۈزلۈكسىز سۇ سۈمۈرۈپ يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەدەپدار قاپچۇقى قوغداپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن گورچاك بېلىقىنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمى تاكى تۇخۇمدىن چىقىپ بېلىجانغا ئايلانغىچە سەدەپدار قاپچۇقى ئىچىدە غەم - غۇسسىسىز ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
دەريا سەدەپدارى گورچاك بېلىقىنىڭ بېلىجانلىرىنى بېقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بالىسىنىمۇ گورچاك بېلىقىنىڭ بېقىشىغا «ھاۋالە» قىلىدۇ. گورچاك بېلىقى دەريا سەدەپدارىنىڭ يېنىدىن ئۈزۈپ ئۆتكەندە، سۇنىڭ سىلكىنىشى دەريا سەدەپدارىنى غىدىقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئىلمەكلىك لىچىنكىلىرى سۇ چىقىرىش تۆشۈكىدىن چىقىرىلىدۇ، ئىلمەكلىك لىچىنكا ئىلمىكى بىلەن بېلىقنىڭ ژابراسى ياكى ئۈزگۈچىسىگە يېپىشىۋالىدۇ. بېلىقنىڭ تېنى ئىلمەكلىك لىچىنكىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ناھايىتى تېزلا بىر خالتا ھاسىل قىلىپ، لىچىنكىلارنى ئورىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ لىچىنكىلار ئۆزى مۇستەقىل ياشىيالىغۇدەك بولغۇچە پارازىتلىق ھاياتىنى باشلىۋېتىدۇ.