UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىقوشماق ئۆردەك

قوشماق ئۆردەك

ھايۋاناتلار دۇنياسى جۇڭگودا خەلق ئارىسىدا قوشماق ئۆردەك (سوقسۇر)نى ئامراق ئەر - خوتۇنلارنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ، لېكىن ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، قوشماق ئۆردەكنىڭ ئادەتتە تۇراقلىق ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بولۇشى ناتايىن ئىكەن، پەقەت جورا ئىزدەش ۋاقتىدىلا بىر - بىرىدىن بىرقەدەممۇ ئايرىلمايدىغان يېقىنلىقنى ئىپادىلەيدىكەن. كۆپىيىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى تۇخۇم تۇغۇپ باسۇرۇش ئىشىدا ئەركەك قۇشنىڭ چاتىقى بولمايدىكەن، چۈجىلىرىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي چىشى قوشماق ئۆردەك ئۆز زىممىسىگە ئالىدىكەن. دېمەك، «ئەر - خوتۇنلار» ئانچىمۇ ئامراق ئەمەسكەن. بىراق، ئەركەك ئۆردەك ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ گۈزەل سۇ قۇشى، ئۇنىڭ بېشىدا قىزىل ۋە كۆك يېشىل پەي تاجسى بار، يۈزىدە ئاق قېشى بار، بوغۇز قىسمى ساپسېرىق، بويۇن قىسمى، كۆكرەك قىسمى سۆسۈن كۆك، ئىككى يان تەرىپىدە قارا، ئاق رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن، تۇمشۇقى ئوچۇق قىزىل، پۇتى ئوچۇق سېرىق، بولۇپمۇ ئىككى تال قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك، سەل قارا گىرۋىكى بار قانات يەلكەن پېيى ئۈستىگە ئېگىلىپ يەلپۈگۈچكە ئوخشايدۇ. بۇنى بىر كارامەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا چىشى قوشماق ئۆردەكنىڭ تېنى توق قوڭۇر رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، كۆرۈمسىز ئاددىي - ساددىلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. قوشماق ئۆردەك كىچىك تىپتىكى بىر خىل ياۋا ئۆردەك بولۇپ، دەرەخ ئۆردەكلىرىگە تەۋە. دائىم دەرەخقە قونۇۋېلىپ، دەرەخ كامېرىغا ئۇۋا ياسايدۇ، يەرگە چۈشۈپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ، ئادەتتە سۇدا پەقەت ئۈزۈپ ئوينايدۇ، چۆمۈلىدۇ. قوشماق ئۆردەك ئاساسەن دۆلىتىمىزدە ياشايدىغان پەسىل قۇشى ھېسابلىنىدۇ، ھەر يىلى3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى4 - ئاينىڭ باشلىرىدا شىمالغا قاراپ ئۇچۇپ، شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ بەزى جايلىرىغا بېرىپ كۆپىيىدۇ،9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى10 - ئاينىڭ باشلىرىدا جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇپ، شەرقىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ بەزى جايلىرىغا بېرىپ قىشلايدۇ. يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئاز ساندىكى قوشماق ئۆردەكلەر كۆچمەس قۇشلار بولۇپ، يىل بويى شۇ يەرلەردە كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇۋىسىنى تەبىئىي دەرەخ كامېرىغا ياسايدۇ، تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلى تەخمىنەن بىر ئاي بولىدۇ. چۈجىلىرى ياز پەسلىدە ئۇۋىسىدىن چىقىدۇ، چوڭ - كىچىكلىكى توخۇ چۈجىلىرىچىلىك كېلىدۇ، پۈتۈن تېنى سارغۇچ قوڭۇر ۋە ئاقۇچ سېرىق مامۇق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، چۈجىلىرى ناھايىتى تېزلا ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ يېقىن ئەتراپتىكى ئېرىق - ئۆستەڭ، سۇلۇق ئېتىزلاردىن ئوزۇق ئىزدەيدۇ. قوشماق ئۆردەكلەر بىرقەدەر ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ، كىچىك بېلىق، راك ۋە ھاشاراتلارغا ئوخشاش ھايۋان تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىمۇ يەيدۇ، شال، ياۋا مېۋە، ئوت - چۆپ ئۇرۇقىغا ئوخشاش ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىمۇ يەيدۇ. كىچىك قوشماق ئۆردەكنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ، كەچ كۈز كىرگەندە، شىمالدا تۇخۇمدىن چىققان كىچىك قوشماق ئۆردەك قوشماق ئۆردەكلەر چوڭ توپىغا ئەگىشىپ جەنۇبقا كېلىپ قىشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
قوشماق ئۆردەك | UyghurWiki | UyghurWiki