يىرتقۇچ كىت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھاۋاي سۇ ئاستىدا جەڭ قىلىش مەركىزى ھەر يىلى نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلىپ، ھايۋانلاردىن تەركىب تاپقان قوشۇنىنى مەشىق قىلدۇرىدۇ، ئۇلار بەزى دېڭىز ھايۋانلىرىدىن ئىبارەت. «ئاقوپ» ناملىق بىر يىرتقۇچ كىت (ئوركا كىتى) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، چوڭقۇر سۇغا چۆكۈش، پاراخوتقا يول باشلاش، مىنا تازىلاش ماھارەتلىرىگە ئىگە.
ئالاھىدە مەشىق قىلدۇرۇلمىغان يىرتقۇچ كىت ئىنتايىن ۋەھشىي، يۈرەكلىك، ھىيلىگەر، قانخور، ئاچ كۆز بولۇپ، دېڭىز - ئوكيانلاردىكى ئەڭ ۋەھشىي يىرتقۇچ ھايۋان. ئۇنىڭ چىشلىرى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، دېڭىزدا مەخسۇس دېڭىز دېلفىنى، تيۇلېن، دېڭىز شىرى، دېڭىز پىلى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ھەتتا غايەت چوڭ كۆك كىتكىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ ۋەھشىيلىكتە يولۋاسقا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن يىرتقۇچ كىت دەپ نام ئالغان.
يىرتقۇچ كىت ئۆمۈر بويى دېڭىز - ئوكياندا ياشايدىغان چوڭ تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى سۈيۈر شەكىللىك، سىرتقى يۈزى سىلىق، تېرىسى ئاستىدا ئىسسىقلىق ساقلاش رولىغا ئىگە ناھايىتى قېلىن ماي قەۋىتى بار. دۈمبىسىدە ئۈزگۈچىسى بولۇپ، سۇدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. پۇتلىرى رودىمېنتلاشقان، ئالدى پۇتى بىر جۈپ ئۈزگۈچكە ئايلانغان، ئارقا پۇتى يوقىلىپ كەتكەن.
يىرتقۇچ كىت ئۆپكىسى بىلەن نەپەسلىنىدۇ، دائىم سۇ يۈزىگە چىقىپ ھاۋا ئالماشتۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكى بېشىنىڭ چوققىسىغا جايلىشىدۇ، بۇرۇن تۆشۈكى يۇقىرىغا قاراپ تۇرىدۇ، بىمالال ئېچىلىپ - يېپىلىپ تۇرىدىغان كلاپانى بولىدۇ. ئۇ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققاندا كلاپان ئېچىلىدۇ - دە، نەپەسلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرۇن تۆشۈكىدىن كۆپۈكسىمان تۇمان ئېتىلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى سۇ تۈۋرۈكى دەپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ نەپەس چىقارغان چاغدىكى ئىسسىق ھاۋا بولۇپ، سىرتقى مۇھىتتىكى سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىلا، تۇمان تۈۋرۈكى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. يىرتقۇچ كىت توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەركەك كىتنىڭ جورىسى كۆپ بولىدۇ. يىرتقۇچ كىت توپى بەستلىك، كۈچلۈك ئەركەك كىت ۋە بىرقانچە چىشى كىتلاردىن تەركىب تاپىدۇ. توپنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئەركەك كىتنىڭ ئېلىشىش ئىقتىدارىغا باغلىق، كۈچلۈكلىرىنىڭ ئىگىلىۋالىدىغان چىشى كىتلىرى كۆپ بولىدۇ، ئاجىزلىرىنىڭ ئاز بولىدۇ. بىر توپ ئىچىدە ئاز بولغاندا3 ~5 كىچە، كۆپ بولغاندا30 −40 قىچە يىرتقۇچ كىت توپ بولۇپ ياشايدۇ. يىرتقۇچ كىت بالا تۇغىدىغان ھايۋان بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك بىر يىلنىڭ ھەممە ۋاقتىدا چېتىشىۋېرىدۇ. ئانا كىت بىر يىل بوغاز بولغاندىن كېيىن بالا تۇغىدۇ، بىر قېتىم بوغاز بولغاندا بىرنى تۇغىدۇ. بالا كىت ئانا كىتنىڭ سۈتىنى ئېمىپ چوڭ بولىدۇ، بىر يىلدىن كېيىن ئۆزى مۇستەقىل ئوزۇقلۇق ئىزدەيدىغان بولىدۇ.
كىشىلەر يىرتقۇچ كىتنى ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، يىرتقۇچ كىتنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى لېنتىغا ئېلىپ دېڭىزدا قويسا بېلىقچىلىققا زىيان سالىدىغان دېڭىز ھايۋانلىرىنى قورقۇتۇپ قاچۇرغىلى بولىدۇ؛ ئامېرىكىدا يىرتقۇچ كىتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆندۈرۈپ، دېڭىز تېگىگە چۈشۈپ كەتكەن نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ بېرىشكە ئۆگەتتى؛ بەزىلەر ئۇنى دېڭىز تېگىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ساقچى ئىتى قىلىپ تەربىيىلەپ، سۈنئىي بېقىلىدىغان بېلىق توپىنى باشقۇرغۇزۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
يىرتقۇچ كىت دۇنيانىڭ ھەرقايسى چوڭ دېڭىز - ئوكيانلىرىغا تارقالغان، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز ياقىلىرى، بوخەي قولتۇقى ۋە خەينەنداۋ ئارىلى ئەتراپى قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان