UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىھايۋانلارنىڭ زېمىن تەۋەلىكى

ھايۋانلارنىڭ زېمىن تەۋەلىكى

ھايۋاناتلار دۇنياسى نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس زېمىنى بولۇپ، شۇ يەرگە ماكانلىشىپ شاد - خۇرام ياشايدۇ، باشقا ھايۋانلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە يول قويمايدۇ. قۇشلار ئۆزىنىڭ زېمىنىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بولۇپمۇ كۆپىيىش مەزگىلىدە ئاساسەن دېگۈدەك ھەربىر ئەركەك قۇش مەلۇم يەرنى ئىگىلەپ، ئۆز ئورنىنى تىكلەيدۇ. ئەگەر باشقا قۇشلار ئۇنىڭ زېمىنىغا تۇيۇقسىز كىرىپ قالسا، ئەركەك قۇش ئالدى بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ، قورقۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر مەيدان ئېلىشىدۇ، ئېلىشىش تاكى بىر تەرەپ چېكىنگىچە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر بىر قۇش دۈشمىنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلسە، ئۇنىڭ بوشىغان زېمىنىنى ئەتراپتا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يەنە بىر قۇش ناھايىتى تېزلىكتە ئىگىلىۋالىدۇ. بېلىقلار، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارمۇ دائىم زېمىن ئىگىلەيدۇ. بىر خىل تاتلىق سۇ بېلىقى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئەركىكى كۆپىيىش مەزگىلىدە دائىم تاتلىق سۇ سەدەپدارىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ئەركەك بېلىق سەدەپدارنىڭ قېلىن سىرتقى قېپىنى ئۆزىنىڭ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇن دەپ قارايدۇ، سەدەپدار قەيەرگە يۆتكەلسە ئەركەك بېلىق شۇ يەرگە ئەگىشىپ بارىدۇ. ئوخشاش تۈردىكى چىشى بېلىق تۇخۇمىنى سەدەپدارنىڭ سىرتقى غىلاپ پەردە بوشلۇقىنىڭ ئىچىگە سالغاندا ئەركەك بېلىق دەرھال بېرىپ ئۇرۇقلاندۇرىدۇ. ئەركەك بېلىق تاكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم يېتىلىپ بېلىجانغا ئايلىنىپ، سەدەپداردىن ئايرىلغانغا قەدەر قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. شۇ جەرياندا، ئەگەر باشقا بېلىق ئاشۇ سەدەپدارنى ئىگىلىۋالماقچى بولسا، شۇ سەدەپدارنى بالدۇر ئىگىلىۋالغان ئەركەك بېلىق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، تاجاۋۇز قىلغۇچىنى چېكىنىشكە مەجبۇرلايدۇ. چىشى، ئەركەك يولۋاسلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىگەن زېمىنى بولىدۇ. ئادەتتە باردى - كەلدى قىلمايدۇ، پەقەت كۆپىيىش پەسلىدىلا بىللە تۇرۇپ، چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئايرىلىپ، ھەرقايسىسى يەنە ئۆز «ئائىلىسى» گە قايتىدۇ. ئەركەك يولۋاس ئۆز زېمىنىنى ئىنتايىن ئەستايىدىل قوغدايدۇ، ئەگەر باشقا بىر ئەركەك يولۋاسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى بايقاپ قالسا، ھايات - ماماتلىق ئېلىشىدۇ، «ئىككى يولۋاس سوقۇشسا جەزمەن بىرى ئۆلىدۇ» دېگەننىڭ ئاساسى مۇشۇ. ھايۋانلارنىڭ بەلگىلىك زېمىننى ئىگىلىشى ھايۋانلار ئارىسىدا جورا تالىشىش ۋە ئوزۇقلۇق تالىشىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھايۋانلارنىڭ جورىسىنى دەپ زېمىن ئىگىلىشى كۆپىيىش ئۈچۈن بولىدۇ، ئوزۇقلۇقنى دەپ مەلۇم رايوننى ئىگىلىشىمۇ كۆپىيىش ئۈچۈن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇش ھايۋانلارنىڭ مەلۇم بىر ماكاننى ئىگىلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھايۋانلارنىڭ زېمىن تەۋەلىكى | UyghurWiki | UyghurWiki