سەكرىگەك بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دائىم «بېلىق سۇدىن ئايرىلالمايدۇ» دېيىلىدۇ، لېكىن سەكرىگەك بېلىق (تاقلامچى بېلىق) سۇدىن ئايرىلىپ ياشىيالايدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى ساھىللاردا باقىلە چوڭلۇقىدىكى ئورەكلەردىن ئىككى كۆزى پۇلتىيىپ تۇرىدىغان بېلىق بېشىنىڭ چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئۇلار ھوشيار، چاققان بولۇپ، سۇ بولمىغان دېڭىز ساھىلىدا ئۆمىلەيدۇ، سەكرەيدۇ، بەزىدە تېخى رىزوفورا دەرىخى ئورمانلىقىدىكى دەرەخ شېخىغا چىقىۋالىدۇ، مانا بۇلار سەكرىگەك بېلىقلاردۇر.
كۆپ ساندىكى بېلىقلار سۇدىن ئايرىلسا، ئوكسىگېن كەمچىللىكىدىن تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. ئەمما، سەكرىگەك بېلىق ژابراسى ئارقىلىق نەپەسلىنىشتىن سىرت، يەنە تېرىسى ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردىسىنىڭ نەپەسلىنىش رولى ئارقىلىق ھاۋادىكى ئوكسىگېننى قوبۇل قىلالايدۇ. مانا بۇ، سەكرىگەك بېلىقنىڭ سۇدىن ئايرىلىپ ياشىيالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. سەكرىگەك بېلىقنىڭ كۆكرەك ئۈزگۈچىسى بىلەكسىمان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئىككى پۇتىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئۇ مۇشۇ ئىككى «پۇتى» غا تايىنىپ دېڭىز بويىدىكى ساھىلدا ئۆمىلەيدۇ، سەكرەيدۇ. سەكرىگەك بېلىقنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر، بىر كۆزى مەخسۇس ئوزۇقلۇق ئىزدەشكە ئىشلىتىلىدۇ، يەنە بىر كۆزى پەيدا بولۇشى مۇمكىن بولغان دۈشمىنىنى ناھايىتى ھوشيارلىق بىلەن كۆزىتىدۇ. ئازراق شەپە بولسىلا دەرھال سۇغا سەكرەپ كىرىۋالىدۇ ياكى ئورىغا كىرىۋالىدۇ. شۇڭا، ئۇنى تۇتۇش ئاسان ئەمەس. كىشىلەر دائىم دېڭىز ساھىلىغا قىسقا بامبۇك نەيچىلەرنىڭ ئاغزىنى ئۈستىگە قارىتىپ كۆمۈپ قويىدۇ، سەكرىگەك بېلىق جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قاچقاندا تۆشۈك بولسىلا كىرىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاسانلا قىلتاققا چۈشىدۇ.
سەكرىگەك بېلىقنىڭ تېنى كىچىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە4 ~8 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ، لېكىن كىچىك بولغىنى بىلەن گۆشى مەززىلىك، يۇمشاق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئاقسىل ۋە مايلار مول بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەكرىگەك بېلىق ھەم سۇدا ياشاشقا ماسلاشقان، ھەم قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا ماسلاشقان بولۇپ، بۇمۇ جانلىقلارنىڭ سۇدا ياشاشتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.