UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىقوزغايدىغان توز

قوزغايدىغان توز

ھايۋاناتلار دۇنياسى كىشىلەر توزنىڭ قۇيرۇقىنى چوڭ ئېچىشىنى ساياھەتچىلەر بىلەن گۈزەللىك سېلىشتۇرغانلىقى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ قۇشلارنىڭ تۇغما قابىلىيىتىگە تەۋە مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئىپادىسىدۇر. ئەركەك توزنىڭ پەيلىرى ھەددى - ھېسابسىز گۈزەل، بولۇپمۇ دۈمبە قىسمىدىكى پەيلىرى يېشىل ياقۇتتەك بولۇپ، پەيلىرىنىڭ چۆرىسىگە خۇددى قارا جىيەك تۇتۇلغاندەك، مەركىزىدە يېرىم ئېللىپسسىمان كۆكۈچ مىس رەڭلىك دېغى بار؛ قۇيرۇق پېيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .1 مېتىر بولۇپ، ئاساسەن تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئاخىرقى ئۇچى كۆزسىمان نەقىشلەرنى تەشكىل قىلىپ كۆركەم يۇمىلاق گۈل سىزىقلىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى4 −5 - ئايلاردا كۆپىيىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە ئەركەك توز چىشى توزنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن خۇددى چوڭ يۇمىلاق يەلپۈگۈچكە ئوخشايدىغان قۇيرۇق پەيلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كەڭ ئاچىدۇ، كۆرۈنۈشى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىدۇ. چىشى توز ئەركەك توزنىڭ قۇيرۇقىنى ئاچقاندىكى گۈزەللىك دەرىجىسىگە قاراپ ئۆزىنىڭ ياقتۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ چېتىشىدۇ. توز كۆپىيىش مەزگىلىدە ئۇۋىسىنى قۇرۇق شاخ - شۇمبا، يوپۇرماق ۋە پەيلەر بىلەن قويۇق چاتقاللىققا ياكى ئېگىز ئۆسكەن ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا ياسايدۇ. ھەرقېتىم5 −6 تال تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمنى چىشى توز ئۆزى باسۇرىدۇ. كىچىك توزچاق تەخمىنەن28 كۈن ئۆپچۆرىسىدە تۇخۇمدىن چىقىدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن يېتىلىدۇ. توزنىڭ ئۆمرى20 ~25 يىل بولۇپ، بىرقەدەر ئۇزۇن. توز ھوشيار بولۇپ، شەپە بولسىلا تېزدىن ئۇچۇپ كېتىدۇ. كېچىسى كۆپىنچە شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك باراقسان ئۆسكەن ئېگىز دەرەختە ياتىدۇ. توز بەر غۇت، ياۋا نەشپۈت قاتارلىق ياۋا مېۋىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقى، قارا چېكەتكە، ئاق چۈمۈلە، كەسلەنچۈك ۋە پاقا قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ، ئوزۇقلىنىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ. توز تروپىك بەلۋاغ ياكى سۇبتروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدا جۈپ - جۈپ بولۇپ ياكى كىچىك توپ بولۇپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاساسلىقى ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تارقالغان، دۆلىتىمىزدە پەقەت يۈننەن ئۆلكىسىدىلا بار.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
قوزغايدىغان توز | UyghurWiki | UyghurWiki