UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىدېڭىز پاقىسى

دېڭىز پاقىسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھايۋانلار تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە، سۇدا ياشاشتىن قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان. قوش ماكانلىق ھايۋانلار سۇدا ياشاشتىن قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ھايۋانلاردۇر. شۇڭا بارلىق قوش ماكانلىق ھايۋانلار ئاساسەن دېگۈدەك سۇ مۇھىتىدىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ. قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسى يالىڭاچ، ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغانلىقتىن، تۇزلۇقلۇق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان سۇلۇق مۇھىتتا ياشىيالمايدۇ. ئەگەر ئادەتتىكى پاقىنى تۇزلۇقلۇق دەرىجىسى ‰10 تىن ئېشىپ كەتكەن دېڭىز سۈيىگە سالسا سىرتقى مۇھىتتىكى سۇ ئېرىتمىسىنىڭ قويۇقلۇقى پاقا تېنىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ قويۇقلۇقىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن پاقىنىڭ تېنىدىكى سۇ ناھايىتى تېزلىكتە سىزىپ چىقىپ كېتىپ، پاقا سۇسىزلىنىپ «ئۇسساپ ئۆلىدۇ». بىراق، دېڭىز پاقىسى تۇزلۇقلۇق دەرىجىسى ‰28 بولىدىغان دېڭىز سۈيىدە شاد - خۇرام ياشاۋېرىدۇ. ئەسلىدە، دېڭىز پاقىسىنىڭ تېنىدە ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدار بار، تېنىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئاپتوماتىك تەڭشىيەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېنىدىكى سۇ سىرتقا سىزىپ چىقىپ كەتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تۇزلۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان دېڭىز سۈيىدىن سۇنى تېنىگە سىزىپ كىرگۈزۈپ، ياشاش ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان سۇغا ئېرىشىدۇ. شۇڭا، ئۇ دېڭىزدا ياشايدىغان بىردىنبىر پاقىغا ئايلانغان. دېڭىز پاقىسى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىكى ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان، دۆلىتىمىزنىڭ خەينەنداۋ ئارىلى قاتارلىق جايلىرىدىمۇ بار. ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە رەڭگى يېشىل پاقىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئادەتتە تۇزلۇق سۇ ياكى يېرىم تۇزلۇق سۇ بار جايلاردا ياشايدۇ. رىزوفورا دەرەخلىك ئورمان بار دېڭىز ساھىلىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. كۈندۈزى يېتىپ كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ، كۈندۈزى كامار ياكى دەرەخ يىلتىزلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، كېچىسى دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ھاشارات، ئۇششاق راك، ئۇششاق قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. دېڭىز پاقىسى تۇخۇمىنى دائىم تاشقىن ئارىلىقىدىكى بەلۋاغلاردىكى كۆلچەكلەرگە تۇغىدۇ، تۇخۇمى قۇياشتىن كەلگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا تايىنىپ يېتىلىپ قۇمچاققا ئايلىنىدۇ. قۇمچاقلىرىمۇ تۇزلۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان دېڭىز سۈيىدە ياشىيالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
دېڭىز پاقىسى | UyghurWiki | UyghurWiki