چاقماقبېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئوكيانىيىنىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ دېڭىز رايونىدا ياشايدىغان چاقماقبېلىقنىڭ ئۇچقۇن بېلىق، مارس بېلىق دېگەن ناملىرى بار. ئۇلار توپ - توپ بولۇشۇپ ئۇيان - بۇيان ئۈزۈپ يۈرگەندە بەدەنلىرى بىر - بىرىگە تېگىشىپ كەتسە ۋە سۈركىلىپ كەتسە «چارس، چارس» قىلىپ ئوت ئۇچقۇنى چىقىرىدۇ، قارىماققا مۇسبەت، مەنپىي ئېلېكتر قۇتۇپلىرىنىڭ ئۆزئارا سوقۇلۇپ ئېلېكتر نۇرى چىقارغىنىغا ئوخشايدۇ.
چاقماقبېلىقنىڭ ئىندىۋىدى كىچىك بولۇپ، بارماقچىلىك كېلىدۇ، بېشى ئۇچلۇق، تېنى ياپىلاق ئۇزۇن، تېنىنىڭ سىرتقى يۈزى يىرىك بولۇپ، تەڭگىچىلىرى يوق. بۇ خىل بېلىقنىڭ ئۆزئارا سوقۇلۇپ ئوت ئۇچقۇنى چىقىرالىشىدىكى سەۋەب، تېنىنىڭ يۈزىدىكى بېلىق داغچىلىرىنىڭ سۇ ئىچىدە سۈركىلىپ يورۇقلۇق چىقىرىدىغان فوسفورلۇق ماددا بولىدۇ. بۇ خىل ماددا ئۆزئارا سوقۇلغان بېلىق تېنىدىن يورۇق ئوت ئۇچقۇنى چىقىرىدۇ.
چاقماقبېلىق توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، توپلىشىپ ئۈزۈپ يۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن «ئوت چاقنىتىش» پۇرسىتى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چاقماقبېلىق قانچىكى توپلىشىۋالسا «ئوت چاقنىتىش» مەنزىرىسى شۇنچە ھەيۋەتلىك بولىدۇ.