تۇندرا كەكلىكى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
تۇندرا كەكلىكىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن40 سانتىمېتىر، مېڭىشقا ماھىر، تېز ئۇچالايدۇ، قار ئۈستىدىمۇ تېز ماڭالايدۇ، لېكىن يىراققا ئۇچالمايدۇ. تۇندرا كەكلىكىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ناچار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ پەيلىرىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، مۇھىت بىلەن ماس كېلىدىغان قوغدىنىش رەڭگىنى شەكىللەندۈرۈپ ھاياتىنى ساقلايدۇ. ياز پەسلىدە قوڭۇر رەڭلىك يازلىق كىيىمىگە ئورىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قارا رەڭلىك، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك داغلار ئارىلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، غازاڭلار ۋە قۇرۇق ئوت - چۆپلەر ئارىسىدىن ئۇنى بايقىماق ناھايىتى تەس؛ قىش پەسلىدە ئاق رەڭلىك قىشلىق كىيىمگە ئالماشتۇرىدۇ، شۇڭا قارلىقلاردا ماڭغاندا پەرق ئېتىشمۇ تەس.
ئادەتتە20 −30 تۇندرا كەكلىكى توپلىشىپ ياشايدۇ، باھار پەسلى كەلگەندە جۈپ - جۈپ بولۇپ ئايرىلىپ ئەركىن جۈپلىشىدۇ. ئەركەك تۇندرا كەكلىكى سەھەردە ياكى كەچقۇرۇنلۇقى ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ سايرايدۇ. دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى4 -5 - ئايلاردىكى كۆپىيىش مەزگىلىدە ئەركەك قۇشنىڭ جورا ئىزدەپ سايرىغان ئاۋازى ئالاھىدە جاراڭلىق بولىدۇ. چىشى قۇش ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولۇشقا قوشۇلسىلا، پۈتۈن كۆپىيىش مەزگىلىدە ئىناق - ئېجىل ئۆتۈپ، بىرلىكتە كۆڭۈل قويۇپ ئۇۋا ياسايدۇ. چىشى قۇش6 −7 - ئاي ئارىلىقىدا بىر ئۇۋىغا جەمئىي5 ~20 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلى22 ~26 كۈن. چۈجىلىرى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن باشتىن - ئاخىر ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە ياشايدۇ. دەسلىپىدە بەزى ھاشاراتلارنى يەيدۇ، كېيىنرەك ئاتا - ئانىسىغا ئوخشاش دەرەخ بىخى، يۇمران شاخ، شىرنىلىك مېۋە، ئۇرۇق قاتارلىقلارنى يەيدۇ. تۇندرا كەكلىكى بەزىدە پوكىنىدىكى (تاشلىقىدىكى) ئۆسۈملۈك تالالىرىنى ئېزىش ئۈچۈن توخۇغا ئوخشاش قۇم دانچىلىرىنى يەيدۇ.
تۇندرا كەكلىكىنىڭ دۇنيادا جەمئىي تۆت تۈرى بار بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىدىكى تۇندرا، يىڭنە يوپۇرماقلىق، كەڭ يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمان ۋە يايلاقلارغا تارقالغان. دۆلىتىمىزدە ئىككى تۈرى بار بولۇپ، خېيلۇڭجياڭ دەريا ۋادىسى ۋە شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىغا تارقالغان. ئۇ تىپىك سوغۇق بەلۋاغ قۇشى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئوۋلىنىدىغان قۇش، گۆشى مەززىلىك، مامۇقىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.