ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن3000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ ئىقلىمى ھازىرقىدىن ئىللىق بولۇپ، تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋېغىنىڭ نۇرغۇن ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلىرى بار ئىكەن. تروپىك بەلۋاغنىڭ ۋەكىللىك ھايۋىنى − پىلنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدىكەن.
ئېلىمىز ئالىمى جۇ كېجېننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى5000 يىلدىن بۇيان ئېلىمىزدە تۆت قېتىم ئىللىق مەزگىل ۋە تۆت قېتىم سوغۇق مەزگىل كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار دەۋرىيلىك ھالدا ئالمىشىپ تۇرغان. بۇ ئەمەلىي پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىقلىم ئەھۋالىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى دەپ ئاتىلىدۇ.
يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا، يەر شارى شەكىللەنگەندىن بۇيان يەر شارىنىڭ ئىقلىمىدا بىرقانچە قېتىم چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولدىكى، ھازىرقى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا نەچچە يۈز مىليون ياكى نەچچە مىليارد يىل ئىلگىرى سوغۇق ئىقلىم شەكىللەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا يەر شارىنىڭ كۆپ قىسمى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، چوڭ مۇز دەۋرى دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ ئەكسىچە ھازىر ناھايىتى سوغۇق بولىدىغان رايونلاردا ئىلگىرى ناھايىتى ئىسسىق ئىقلىم شەكىللەنگەن، بۇ مەزگىل ئىللىق مۇزلۇقلار ئارا دەۋردۇر. پۈتكۈل يەر شارى مۇز دەۋرى ۋە مۇزلۇقلار ئارا دەۋرنىڭ ئالمىشىشىدەك غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. بىزگە ئەڭ يېقىن بىر قېتىملىق چوڭ مۇز دەۋرى بۇنىڭدىن تەخمىنەن6000 يىل بۇرۇن ئاخىرلاشقان. نۆۋەتتە يەر شارى دەل مۇزلۇقلار ئارا ئىقلىم دەۋرىدە تۇرماقتا.
ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبى ناھايىتى مۇرەككەپ، بولۇپمۇ ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل ئىچىدىكى ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبى تېخىمۇ شۇنداق، نۆۋەتتە بۇ ھەقتە ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان توغرا يەكۈن چىقىرىلغىنى يوق. بىراق دەۋرى بىرقەدەر قىسقا بولغان ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبى ئاساسەن ئېنىقلىنىپ بولدى. مەسىلەن، ئۆزگىرىش دەۋرى20 مىڭ يىلدىن100 مىڭ يىلغىچە بولغانلىرىنى يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ دەۋرى ئىككى يىل،11 يىل ۋە35 يىل بولغان ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشىنى قۇياش ھەرىكىتى، يانار تاغنىڭ پارتلىشى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇزلۇقلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يۆتكىلىشى، دېڭىز - ئوكياندىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن جۇغراپىيە ئالىملىرى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، ئورمانلارنى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىپ بوز يەر ئېچىش يەر يۈزىنىڭ قۇياش رادىئاتسىيىسىنى قايتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆزگەرتىپ، سۇنىڭ پارلىنىشىنى ئازايتىپ، قىسمەن رايونلاردا قۇرغاقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق مىنېرال يېقىلغۇلارنى كۆپ مىقداردا كۆيدۈرۈش ھاۋادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.