UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملاردېڭىز تاشمىسى

دېڭىز تاشمىسى

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار دېڭىز تاشمىسى يەر تەۋرەش، يانار تاغ پارتلاش ياكى كۈچلۈك بوران - چاپقۇن قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دېڭىز سۈيىنىڭ غايەت زور كۆتۈرۈلۈپ پەسىيىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. شەكىللىنىش سەۋەبىگە ئاساسەن ئۇ يەر تەۋرەش دېڭىز تاشمىسى، يانار تاغ دېڭىز تاشمىسى، بوران - چاپقۇنلۇق دېڭىز تاشمىسى قاتارلىق بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پايانسىز دېڭىزدا يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان دولقۇننىڭ ئېگىزلىكى گەرچە بىر مېتىرغا يەتمىسىمۇ، ئەمما دېڭىز قىرغاقلىرىغا ياكى ئاراللارنىڭ قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلغان چاغدا دولقۇن ئېگىزلىكى شىددەت بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا20 -30 مېتىرغا يېتىدۇ ھەمدە نەچچە مىنۇتتا ياكى نەچچە ئون مىنۇتتا تەكرار ئۇرۇلىدۇ. دېڭىز تاشمىسىنىڭ دولقۇنى توسمىنى ۋەيران قىلىپ، قۇرۇقلۇقنى بېسىپ كېتىدۇ، ھاياتلىق ۋە مال - مۈلۈكنى يالماپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى ناھايىتى زور.1890 - يىل6 - ئاينىڭ15 - كۈنى ياپونىيىنىڭ سانرىكۇ ئەتراپىدىكى دېڭىزدا6 .7 بال يەر تەۋرەپ، غايەت زور دېڭىز تاشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى5 .30 مېتىرغا يەتكەن، زور دولقۇن ھەر10 ~30 مىنۇتتا قىرغاققا ئۇرۇلۇپ، ئۇزۇنلۇقى300 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان دېڭىز بويى بەلۋېغىغا تەسىر كۆرسەتكەن. خونشۇ ۋە خوككايدۇنىڭ دېڭىز قىرغىقىنى دولقۇن بېسىپ كەتكەن. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى دېڭىز تاشمىسى دۇنيا بويىچە يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان دولقۇنى ئەڭ ئېگىز دېڭىز تاشمىسى ئىكەن. بۇ قېتىمقى دېڭىز تاشمىسىدا10 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ۋەيران بولغان،27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.1960 - يىل5 - ئاينىڭ22 - كۈنى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چىلىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز جىلغىسىدا5 .9 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەشكە ئەگىشىپ كەلگەن دېڭىز تاشمىسىنىڭ دولقۇن ئېگىزلىكى25 مېتىرغا يەتكەن. دېڭىز دولقۇنى سائىتىگە640 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن تىنچ ئوكياننى بويلاپ تارقالغان، چىلىنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەر - بازار ۋە يېزا - كەنتلىرى ۋەيران بولغان. دېڭىز دولقۇنى روسىيە بىلەن ياپونىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەندە، ئېگىزلىكى يەنىلا ئالتە مېتىردىن ئاشقان. بۇ قېتىمقى دېڭىز تاشمىسىدا ياپونىيىدىلا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ۋەيران بولۇپ،100 دىن ئارتۇق پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتكەن،340 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. يەر تەۋرەش دېڭىز تاشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب، ئەمما يەر تەۋرەشنىڭ ھەممىسىلا دېڭىز تاشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى ئالتە بالدىن يۇقىرى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى40 كىلومېتىردىن تېيىز بولغاندىلا ئاندىن دېڭىز تاشمىسى شەكىللىنىدىكەن. يەر تەۋرەش دولقۇنىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى دېڭىز تاشمىسى دولقۇنىدىن تېز بولىدۇ، مەسىلەن، دېڭىز تاشمىسى دولقۇنى شىمالىي تىنچ ئوكياندىكى ئالېئۇت تاقىم ئاراللىرىدىن ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىغا يەر تەۋرەش دولقۇنىغا قارىغاندا بەش سائەت كېچىكىپ بارىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر دېڭىز تاشمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دېڭىز بويلىرىدا پولات چىۋىقلىق بېتوندىن ياسالغان دولقۇندىن مۇداپىئە كۆرۈش توسمىسىنى ياساپ، ھەر خىل كۆزىتىش پونكىتلىرىنى تەسىس قىلدى. دېڭىز تاشمىسىدىن بۇرۇن مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئىلمىي خاتىرىلەرگە ئاساسەن ئالدىن مەلۇمات بەردى.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
دېڭىز تاشمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki