UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملاردۇنيا ھاۋا رايىنى كۆزىتىش تورى

دۇنيا ھاۋا رايىنى كۆزىتىش تورى

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ تىپتىكى نۇرغۇن ھاۋا رايى جەريانلىرى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىز ۋە شەرقىي ئاسىيا رايونىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سوغۇق ئېقىم ھاۋا رايى جەريانى ناھايىتى يىراق سىبىرىيە ۋە شىمالىي مۇز ئوكيان رايونىدىن كەلگەن. شۇڭا20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى بىرلىكتە دۇنيا ھاۋا رايىنى كۆزىتىش تورى قۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار پىلاننى تۈزدى ھەمدە1978 - يىلىدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىدى. دۇنيا ھاۋا رايىنى كۆزىتىش تورى دۇنيا دائىرىسىدىكى پىلانلىق، مەقسەتلىك تاللانغان نۇرغۇن ھاۋا رايى كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھاۋا رايى ئەھۋالى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا كۆزىتىلىدۇ. كۆزىتىپ ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلار بەلگىلەنگەن مېتېئورولوگىيە ئورگانلىرىدا بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز سۈرئەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ياكى نەزەرىيىۋى تەتقىقاتلاردا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ ساندىكى دۆلەت ۋە رايونلار بۇ كۆزىتىش تورىغا قاتناشتى. بۇ10 مىڭغا يېقىن مېتېئورولوگىيە پونكىتلىرىنىڭ يەر يۈزىدە مېتېئورولوگىيىلىك كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىنى،5000 مېتېئورولوگىيە پونكىتىنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتا مېتېورولوگىيىلىك كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىنى، نەچچە مىڭ پاراخوتنىڭ ئوكيانلاردا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا دائىم ئىشلىتىدىغان مېتېئورولوگىيىلىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىدىن باشقا يەنە ئايروپىلان ۋە سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىقلارمۇ ئىشلىتىلدى. ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ مېتېئورولوگىيە مەركىزى دۇنيا ھاۋا رايى كۆزىتىش تورىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى مەركىزىنىڭ بىرى. ئۇ تۈرلۈك ھاۋا رايى مەلۇماتلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تارقىتىپلا قالماستىن، يەنە يەر شارى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مېتېئورولوگىيە ئەھۋالىنى يىغىش ۋە يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن كەسپىي ئالاقە قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
دۇنيا ھاۋا رايىنى كۆزىتىش تورى | UyghurWiki | UyghurWiki