UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارقارىئۆرۈك يامغۇرى

قارىئۆرۈك يامغۇرى

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ - خۇەيخى دەريالىرى ھەۋزىسىدىن ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغىچە بولغان جايلاردا ھەر يىلى باش يازدىكى6 -،7 - ئايلاردا بىر مەزگىل ئۇدا يامغۇر ياغىدۇ، بۇ مەزگىلدە يامغۇر مىقدارى ۋە قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ، بۇ مەزگىل دەل چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا قارىئۆرۈك مەي باغلاپ پىشىدىغان چاغ بولغاچقا، بۇ يامغۇر «قارىئۆرۈك يامغۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ. قارىئۆرۈك يامغۇرى كىچىك دائىرىدىكى ھاۋا رايى ھادىسىسى بولماستىن، بەلكى چوڭ دائىرىلىك ۋە چوڭ تىپتىكى بىر خىل ھۆل - يېغىن جەريانىدۇر. ئېلىمىزدە قارىئۆرۈك يامغۇرى ئاساسلىقى خۇبېيدىكى يىچاڭنىڭ شەرقىدە، شىمالىي كەڭلىك °26 تىن شىمالىي كەڭلىك °34 قىچە بولغان ئارىلىقتىكى چاڭجياڭ - خۇەيخې دەريالىرى ھەۋزىسى رايونىدا يۈز بېرىدۇ. قارىئۆرۈك يامغۇرىدىن كېيىن يامغۇر بەلۋېغى شىمالغا قاراپ يۆتكىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى ھەۋزىسىگە يېتىپ بارىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسى ھەۋزىسىدىكى ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەر كۆپىيىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ، ھاۋا ئىسسىپ، تومۇز مەزگىلىگە كىرىدۇ. قارىئۆرۈك يامغۇرىنىڭ شەكىللىنىشى شەرقىي ئاسىيادىكى مۇسسون شامىلىنىڭ پائالىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىز ئوتتۇرا كەڭلىك رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇب تەرىپى دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، شەرقىي ئاسىيا مۇسسون شامىلىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرايدۇ. ھەر يىلى باھارنىڭ ئاخىرىدىن يازنىڭ باشلىرىغىچە يازلىق مۇسسون شامىلى كۈچىيىشكە باشلايدۇ - دە، دېڭىزدىن كۆپ مىقداردا سۇ پارى ئېلىپ كېلىدۇ، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.6 - ئاينىڭ باشلىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە يازلىق مۇسسون شامىلىنىڭ كۈچى يەنىمۇ كۈچىيىپ، كۆپ مىقداردىكى ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ - خۇەيخې دەريالىرى ھەۋزىسىگە يېتىپ كېلىدۇ. جەنۇبتىكى دېڭىزدىن كېلىدىغان بۇ ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى شىمالدىن كېلىدىغان قۇرغاق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىلەن چاڭجياڭ - خۇەيخې دەريالىرى ھەۋزىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچرىشىدۇ - دە، ئاساسىي جەھەتتىن غەربىي جەنۇب - شەرقىي شىمال يۆنىلىشىدىكى تار، ئۇزۇن يامغۇر بەلۋېغىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يامغۇر بەلۋېغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سوغۇق ۋە ئىللىق ھاۋا ماسسىلىرىنىڭ تەسىر كۈچى بىر - بىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقى ئۈچۈن، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق، دائىرىسى چوڭ، يېغىن مىقدارى كۆپ بولىدۇ. قارىئۆرۈك يامغۇرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنىڭ ئىلگىرى - كېيىن، يامغۇر مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن - قىسقا ۋە يامغۇر مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپ بولۇشى شۇ يىلدىكى سوغۇق ۋە ئىللىق ھاۋانىڭ كۈچلۈكلۈكى ھەم كىرىش - چېكىنىش ۋاقتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بەزى يىللىرى قارىئۆرۈك يامغۇرى ئەڭ بالدۇر بولغاندا5 - ئايلاردا شەكىللىنىدۇ، بۇ «بالدۇر ياغقان قارىئۆرۈك يامغۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ؛6 -،7 - ئايلاردا ياغقان قارىئۆرۈك يامغۇرى «نورمال قارىئۆرۈك يامغۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە قارىئۆرۈك يامغۇر مەزگىلى بالدۇر يېتىپ كەلسە، قارىئۆرۈك يامغۇرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق، ئومۇمىي ھۆل - يېغىن مىقدارىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئايرىم يىللاردا جەنۇبتىن كېلىدىغان ئىللىق نەم ھاۋا بەك كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئۇدۇل شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ چاڭجياڭ - خۇەيخې دەريالىرى ھەۋزىسىدىن ئۆتۈپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىغا يېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قارىئۆرۈك يامغۇرى مەزگىلىدە چاڭجياڭ - خۇەيخې دەريالىرى ھەۋزىسىدىكى ھۆل - يېغىن مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ ياكى يامغۇر ياغمايدۇ، نەتىجىدە چاڭجياڭ - خۇەيخې دەريالىرى ھەۋزىسىدە كەڭ دائىرىلىك قۇرغاق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
قارىئۆرۈك يامغۇرى | UyghurWiki | UyghurWiki