ئاتموسفېرا ھەرىكىتى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
يەر شارى ئەتراپىدىكى ئاتموسفېرا غايەت زور ماشىنىغا ئوخشاش كېچە - كۈندۈز توختىماستىن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، دائىرىسى ئوخشاش بولمايدۇ. دەل مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان ئاتموسفېرا ھەرىكىتى يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان ھاۋا رايى ۋە ئىقلىمنى شەكىللەندۈرگەن.
قۇياش − ئاتموسفېرا ھەرىكىتىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى. يەر شارىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئىگە بولىدىغان قۇياشنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە يورۇقلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ. ئېكۋاتور بىلەن تۆۋەن كەڭلىك رايونلىرى ئىگە بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى كۆپ بولۇپ، ھاۋا ئاسانلا كېڭىيىپ، يېنىكلەپ يۇقىرى ئۆرلەيدۇ؛ قۇتۇپ ۋە يۇقىرى كەڭلىك رايونلىرى ئىگە بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئاز بولۇپ، ھاۋا تارىيىپ تۆۋەنگە ئولتۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئېكۋاتور رايونىدىكى ھاۋا بېسىمى قۇتۇپ رايونىدىكى ھاۋا بېسىمىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ھاۋا بېسىمىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالدىكى بۇ خىل پەرقى تۈپەيلى ئېكۋاتور بوشلۇقىدىكى ھاۋا قۇتۇپ بوشلۇقىغا قاراپ ئاقىدۇ. ئېكۋاتور بوشلۇقىدىكى ھاۋا داۋاملىق ئېقىپ، ماسسىسى تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ - دە، يەر يۈزى ھاۋا بېسىمى تۆۋەنلەپ، ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تۆۋەن ھاۋا بېسىمى رايونى شەكىللىنىدۇ، بۇ تۆۋەن ھاۋا بېسىمى رايونى ئېكۋاتور تۆۋەن بېسىم رايونى دەپ ئاتىلىدۇ. قۇتۇپ رايونى بوشلۇقىغا ھاۋا داۋاملىق ئېقىپ كىرگەچكە، يەر يۈزى ھاۋا بېسىمى ئۆرلەپ، يۇقىرى بېسىملىق رايون شەكىللىنىدۇ، بۇ قۇتۇپ يۇقىرى بېسىم رايونى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتموسفېرانىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا قۇتۇپ ھاۋا بېسىمى ئېكۋاتور ھاۋا بېسىمىدىن يۇقىرى بولۇشتەك ھاۋا بېسىم پەرقى كېلىپ چىقىدۇ -دە، قۇتۇپتىن ئېكۋاتورغا قاراپ ئاقىدىغان ئاتموسفېرا ھەرىكىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ھاۋا ئېقىمى قۇتۇپتىن ئېكۋاتور رايونىغا ئېقىپ بارغاندا ئىسسىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، ئېكۋاتور بوشلۇقىدىن ئېقىپ كەتكەن ھاۋانىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ - دە، ئېكۋاتور بىلەن قۇتۇپ ئارىلىقىدا جەنۇب - شىمال يۆنىلىشتىكى تۇيۇق ئايلانما ئېقىم شەكىللىنىدۇ، مېتېئورولوگىيە ئىلمىدە بۇ »خادلېي ئايلانما ئېقىمى« دەپ ئاتىلىدۇ.
خادلېي ئايلانما ئېقىمىدا يەر شارىنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتى ۋە يەر يۈزىنىڭ تەكشى بولماسلىقىنىڭ ئاتموسفېرا ھەرىكىتىگە بولغان تەسىرى ئويلىشىلمىغان، ئەمەلىيەتتە ئاتموسفېرا ھەرىكىتى ھەر ۋاقىت يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىدىن شەكىللىنىدىغان ئېغىتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شىمالىي يېرىم شاردا ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشىدە ئوڭغا ئېغىش؛ جەنۇبىي يېرىم شاردا سولغا ئېغىش يۈز بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئېكۋاتور بوشلۇقىدىكى ھاۋا جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ بوشلۇقىغا قاراپ ئاققاندا، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە ئۈزلۈكسىز ئوڭغا ۋە سولغا ئېغىش يۈز بېرىدۇ. تەخمىنەن °30~°35 لۇق كەڭلىك ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشى °90 ئەتراپىدا ئاغىدۇ. يەنى ئەسلىدە جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدىكى ھاۋا ئېقىمى تەدرىجىي شەرق - غەرب يۆنىلىشىدىكى ھاۋا ئېقىمىغا ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېكۋاتور بوشلۇقىدىن ئۈزلۈكسىز كېلىۋاتقان ھاۋا شەرق - غەرب يۆنىلىشىدىكى بۇ ھاۋا ئېقىمىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ تەدرىجىي توپلىنىپ، تۆۋەنگە ئولتۇرىدۇ، نەتىجىدە بۇ رايوننىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئاتموسفېرا بېسىمى ئېشىپ، مۇقىم، تەسىرى زور سۇبتروپىك بەلۋاغ يۇقىرى بېسىم بەلۋېغى شەكىللىنىدۇ. سۇبتروپىك بەلۋاغ يۇقىرى بېسىم بەلۋېغىدا تۆۋەنگە ئولتۇرىدىغان ھاۋا ئېقىمى ئەۋج ئالغاچقا، بۇلۇت ۋە ھۆل - يېغىن ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئۇ كەڭ كەتكەن شامالسىز بەلۋاغ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، كۈچلۈك غەرب شامىلى بەلۋېغى بىلەن شەرق شامىلى بەلۋېغى بار. غەرب شامىلى بەلۋېغىدىكى ئاتموسفېرا روشەن داۋالغۇيدۇ، ئۇ دەريا سۈيىگە ئوخشاش توختىماستىن ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. ئېلىمىز ئوتتۇرا كەڭلىك رايونىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، چوڭ كۆلەملىك غەرب شامىلى بەلۋېغى ئېلىمىز ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتىدۇ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ ھاۋا رايى ۋە ئىقلىمىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.