ئوتلاق ئىقلىمى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
كۆپكۈك ئاسمان، كۆز يەتكۈسىز بىپايان دالا؛ توپ - توپ ئوتلاۋاتقان قوي - كالىلار، شوخ چېپىشىۋاتقان ئارغىماقلار … مانا بۇلار يايلاق رايونىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى بولۇپ، ئالاھىدە ئىقلىم شارائىتىدا شەكىللەنگەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوتلاق ئىقلىمى كەڭ تارقالغان، بۇ خىل ئىقلىم ئېلىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە موڭغۇلىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىمالىي ئامېرىكىدىكى روككى تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىدىكى ئا ق ش نىڭ غەربىي قىسىم رايونىغا كەڭ تارقالغان.
ئوتلاق ئىقلىمى قۇملۇق ئىقلىمى بىلەن نەم ئىقلىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى ئىقلىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھۆل - يېغىن مىقدارى بىرقەدەر ئاز، يازدىكى ئۆتكۈنچى يامغۇرنى ئاساس قىلىدۇ، ئىقلىمى قۇرغاق بولۇپ، ئېگىز، يوغان دەرەخلەر ئۆسەلمەيدۇ. يايلاق رايونىدا قىش پەسلى سوغۇق ۋە ئۇزاق، ياز پەسلى قىسقا بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. ئەمما بىر يىل ئىچىدە قۇياشنىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولۇپ، بىرقەدەر ياخشى ئىسسىقلىق شارائىتىغا ئىگە، ئۇ ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ.
پۈتۈن يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تەكشى تەقسىملەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە دائىم قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىدۇ، بۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئوت - چۆپلەرنىڭ بىخ سۈرۈشى ۋە ئۆسۈشىگە پايدىسىز. ياز پەسلى كەلگەندە، يامغۇر مىقدارى مەركەزلىشىپ، قۇياشنىڭ يورۇتۇشى يېتەرلىك بولىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە زۆرۈر بولغان سۇ ۋە ئىسسىقلىق شارائىتى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىنىدۇ، شۇڭا7 - ۋە8 - ئايلار يايلاقنىڭ ئالتۇن پەسلى ھېسابلىنىدۇ، بۇ مەزگىلدە سۇ مول، ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسىدۇ، توپ - توپ قوي - كالىلار ئوتلىشىپ، زىرائەتلەر ئوخشايدۇ، بىپايان يايلاق مەيىن شامالدا دېڭىز دولقۇنىدەك چايقىلىپ، كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ.
قىش پەسلى كەلگەندە، سوغۇق ۋە بوران پۈتكۈل يايلاققا ھۇجۇم قىلىپ، ھەمىشە قار - بوران ئاپىتىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.