گۈلدۈرماما
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
گۈلدۈرماما كۆپىنچە تومۇز يازدىكى چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كۆرۈلىدۇ. ياز پەسلى ئۇزاق بولىدىغان جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق كۈنلەرمۇ كۆپ بولىدۇ. ھىندونېزىيىدىكى كىچىك شەھەر بوگور دۇنيا بويىچە گۈلدۈرمامىلىق كۈنلەر ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي. بوگور جەنۇبىي كەڭلىك ′36°6 قا جايلاشقان بولۇپ، ئېكۋاتورغا ناھايىتى يېقىن، بىر يىل ئىچىدە322 كۈندە گۈلدۈرمامىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، گۈلدۈرماما قېتىم سانى نەچچە مىڭغا يېتىدۇ، شۇڭا ئۇ »دۇنيانىڭ گۈلدۈرماما پايتەختى« دەپ ئاتالغان.
ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئۆلكىسى بىلەن لېيجۇ يېرىم ئارىلى رايونىدىمۇ گۈلدۈرمامىلىق كۈنلەر ناھايىتى كۆپ. خەينەن ئۆلكىسىنىڭ دەنشيەن ناھىيىسىدە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن130 كۈن گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ جاي ئېلىمىزدىكى گۈلدۈمامىلىق كۈنلەر ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي. قىش پەسىلىدىمۇ بۇ ئەتراپتا گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. «لېيجۇ (州雷)» دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن.
گۈلدۈرمامىلىق ھاۋا رايى ئىنسانلارغا ھەمىشە غايەت زور زىيان سالىدۇ. چاقماق ئېگىز تۇرخۇنلارنى يېرىۋېتىدۇ، ئاسما توك يوللىرىدا قىسقا تۇتۇشۇشنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئورمانلاردا ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىپايان دالىدا ياكى ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ يېنىدا تۇرغان ئادەم بەزىدە چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. گۈلدۈرمامىلىق ھاۋا رايى دائىم مۆلدۈر ۋە قارا قۇيۇن قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىملار گۈلدۈرماما كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننى ئازايتىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر خىل چارە - تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ئا ق ش «چاقماقنى سوققۇچى راكېتا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇرۇلمىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. گۈلدۈرماما كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئاسمانغا قويۇپ بەرسە، ئۇ ئاسماندا ئۆزلۈكسىز تۈردە كىچىك زەرەت پەيدا قىلىپ چاقماقنى يوقىتىدۇ.
گۈلدۈرمامىنىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ، ئەمما ئۇنىڭ پايدىلىق تەرىپىمۇ بار. گۈلدۈرماما پەيدا بولغان ۋاقىتتا چاقماق ھاۋادىكى ئازوت بىلەن ئوكسىگېننى رېئاكسىيىلەشتۈرۈپ، ئازوت چالا ئوكسىدنى پەيدا قىلىدۇ. بىر قاتار ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئازوت چالا ئوكسىد يەر يۈزىگە چۈشۈپ نىترات تۇزلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ ئېسىل ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بەزىلەر چاقماقنى «تەبىئىي ئوغۇت زاۋۇتىدىكى ئىنژېنېر» دەپ ئاتايدۇ.