ئوكيان ئېقىمى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
1856 - يىلى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بىرقانچە ماتروس ئاتلانتىك ئوكياندىكى دېڭىز قولتۇقى ساھىلىدىن بىر غەلىتە قارىماي شارچىسىنى تېپىۋالغان، بۇ قارىماي شارچىسى ئىچىدە كوكۇس پوستى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ھەر خىل بەلگىلەر سىزىلغان بىر پارچە تېرە قەغەز چىققان. تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر پارچە سالام خەت ئىكەنلىكى، ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىن گۈزەل ئارال دۆلىتىگە ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. ئويلىمىغان يەردىن دېڭىز دولقۇنى ئۇنى ساھىلغا چىقىرىپ قويغان.
ئۇنداقتا، كىشىلەر دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىپ خەت ئەۋەتىشنى قانداق ئويلاپ تاپقان؟ ئەسلىدە، كىشىلەر ناھايىتى بۇرۇنلا ئوكياننىڭ يۈزى ۋە چوڭقۇر جايلىرىدا دېڭىز سۈيىنىڭ ھەمىشە ئوخشاش يۆنىلىش بويىچە قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، يەنى قۇرۇقلۇقتىكى دەريالارغا ئوخشاش ئاقىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ئوبرازلاشتۇرۇپ، «ئوكيان ئېقىمى» دەپ ئاتىغان، ئۇ يەنە «دېڭىز ئېقىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئوكيان ئېقىمىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار كۆپ خىل ھەم مۇرەككەپ بولىدۇ. پاسسات شامىلى، غەرب شامىلى قاتارلىق يۆنىلىشلىك شاماللارنىڭ تەسىرى ئوكيان ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ ئېغىتىش كۈچى، دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئاراللارنىڭ جايلىشىشى، دېڭىز يۈزى سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى، دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە تۇزلۇقلۇقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىقلارمۇ ئوكيان ئېقىمىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.
جەنۇبىي يېرىم شار بىلەن شىمالىي يېرىم شاردىكى ئوكيان ئېقىملىرى ئومۇمەن سىممېترىك جايلاشقان. شىمالىي يېرىم شارنىڭ سۇبتروپىك بەلۋاغدىكى ئوكيان يۈزىدە، ئوكيان ئېقىمى ئاساسەن سۇبتروپىك بەلۋاغ يۇقىرى بېسىم رايونىنى چۆرىدىگەن ھالدا سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئاقما ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ ئىچكى ئايلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ؛ چوڭ قۇرۇقلۇق بويلىرىدا قىرغاق ئېقىمى مەۋجۇت بولۇپ، سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئاقما ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ سىرتقى ئايلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئوكيان ئېقىمى °40 لۇق كەڭلىكنىڭ شىمالىدىكى ئوكيان يۈزىدە سۇب قۇتۇپ تۆۋەن بېسىم رايونىنى مەركەز قىلىپ، سائەت ئىسترېلكسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئاقما ھەرىكەت قىلىدۇ. جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئوكيان ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشى شىمالىي يېرىم شاردىكى ئوكيان ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.
ئوكيان ئېقىمىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقلىمىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرىنچىدىن، دېڭىز سۈيىنىڭ ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئاتموسفېرانىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوكيان ئېقىمى تۆۋەن كەڭلىك بىلەن يۇقىرى كەڭلىك ئارىلىقىدا ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ، كەڭلىكلەر ئارىسىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقىنى تەڭشەيدۇ. ئىككىنچىدىن، دېڭىز - ئوكياننىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىرغىقىدىكى ئىللىق ۋە سوغۇق ئوكيان ئېقىملىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەۋج ئالغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئوخشاش كەڭلىكتىكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ شەرق ۋە غەرب قىرغىقىدىكى ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسىدا روشەن پەرق شەكىللىنىدۇ، بۇ تېمپېراتۇرىنىڭ كەڭلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ بېرىشتەك جايلىشىش قانۇنىيىتىنى بۇزۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىللىق ئوكيان ئېقىمى ئېقىپ ئۆتكەن دېڭىز قىرغاقلىرىدا ھۆل - يېغىن، سوغۇق ئوكيان ئېقىمى ئېقىپ ئۆتكەن دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۇمان كۆپ بولىدۇ.
ئوكيانوگرافىيە مۇتەخەسسىسلىرى ھەر خىل ماتېرىياللارغا، مەسىلەن، دېڭىز سەرگەردانىنىڭ كەچۈرمىشى، دېڭىزدىكى كۆنەك تاشنىڭ سەپىرى، پاراخوتنىڭ ئىزى، دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، كۆچمە پاراخوت پونكىتىنىڭ كۆزىتىش خاتىرىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئوكيان ئېقىمى دائىرىسى، يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىنى ئېنىقلاپ، ئوكيان ئېقىمىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. ئېنىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئوكيان ئېقىمى ئاپپاراتلىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئوكيان ئېقىمىغا بولغان تونۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلىدى. ھازىر دۇنيادا چوڭ ئوكيان ئېقىمىدىن12 سى، كىچىك ئوكيان ئېقىمىدىن نەچچە ئونى بارلىقى بايقالدى.