UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارقارا قۇيۇن

قارا قۇيۇن

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار قارا قۇيۇن ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل قۇيۇندىن ئىبارەت. گەرچە ئۇنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كىچىك، ئادەتتە پەقەت200 -300 مېتىر ئەتراپىدا، چوڭلىرىنىڭ ئىككى كىلومېتىرلا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى ناھايىتى زور. قارا قۇيۇننىڭ سۈرئىتى ھەر سېكۇنتىغا100 مېتىردىن، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا200 مېتىردىن ئاشىدۇ، سۈرئىتى تەيفېڭ بورىنىنىڭكىدىنمۇ تېز. قارا قۇيۇننىڭ شەكلى غايەت زور ۋارونكا ياكى پىلنىڭ خارتۇمىغا ئوخشايدۇ. بۇلۇتتىن يەر يۈزىگە قاراپ سوزۇلىدۇ. ئۇ دائىم ناھايىتى تېز ۋە تۇيۇقسىز كېلىدۇ، كەلگەندە غايەت زور گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز چىقىدۇ. قارا قۇيۇننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاۋا ناھايىتى شالاڭ، بېسىم كۈچىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، ئۇ خۇددى غايەت زور چاڭ - تۇزان سۈمۈرگۈچكە ئوخشاش، بېسىپ ئۆتكەن جايلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى »ۋارونكىسى« ئىچىگە سۈمۈرۈپ ئەكىرىپ كېتىدۇ، قارا قۇيۇننىڭ كۈچى ئاجىزلىغاندا ياكى ئىچىدىكى ھاۋا ئېقىمى تۆۋەنگە ئولتۇرۇشقان ۋاقىتتىلا سۈمۈرۈۋالغان نەرسىلەر قايتىپ چۈشىدۇ. شۇڭا قارا قۇيۇن ئادەم، ھايۋان، دەل - دەرەخ، ئۆي قاتارلىقلارغا زور زىيان يەتكۈزىدۇ. قارا قۇيۇننىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ھاۋا بېسىمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئىشىك - دېرىزىسى مەھكەم ئېتىلگەن ئۆينىڭ ئەتراپىدىن ئۆتكەندە، ئۆي ئىچى ۋە سىرتىدا غايەت زور ھاۋا بېسىم پەرقىنى پەيدا قىلىدۇ (ئىچىنىڭ بېسىمى چوڭ، تېشىنىڭ بېسىمى كىچىك بولىدۇ)، بۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ ئۆگزىسى ۋە تۆت تېمى ئىچىدىن سىرتىغا يۆنەلگەن غايەت زور تەسىر كۈچكە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل تۇيۇقسىز بېرىلگەن ئىچكى كۈچ ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى چۇۋۇپ، تۆت تېمىنى ئۆرۈۋېتىدۇ، ئۆي ئىچكى قىسمىدىن پارتلىغاندەك ۋەيران بولىدۇ. شۇڭا قارا قۇيۇن كەلگەن ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىپ، ئۆي ئىچى ۋە تېشىنىڭ ھاۋا بېسىمىنى تېز تەڭپۇڭلاشتۇرۇش لازىم. قارا قۇيۇننىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانغىنى يوق. ئادەتتە ياز پەسلىدىكى كونۋېكسىيىلىك ھەرىكىتى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق بۇلۇتنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرى ئۆرلىگەن كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمى يۇقىرى بوشلۇققا كەلگەندە گورىزونتال يۆنىلىشتىكى ناھايىتى كۈچلۈك شامالغا يولۇقسا، ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ تۆۋەنگە قارايدۇ - دە، نۇرغۇنلىغان كىچىك قايناملار شەكىللىنىدۇ. يۇقىرى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى ھاۋانىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك داۋالغۇشى نەتىجىسىدە بۇ قايناملار تەدرىجىي كېڭىيىپ، گورىزونتال يۆنىلىشتىكى ھاۋا قاينىمى تۈۋرۈكى شەكىللىنىدۇ، ئاندىن بۇ ھاۋا قاينىمى تۈۋرۈكىنىڭ بىر ئۇچى تەدرىجىي بۇلۇت ئاستىغا قاراپ ئۇزىراپ ۋارونكىسىمان ھالەتكە كېلىدۇ - دە، قارا قۇيۇن شەكىللىنىدۇ، دەپ قارالماقتا. بەزى قارا قۇيۇننىڭ پەقەت بىرلا ۋارونكىسى بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ بىرقانچە ۋارونكىسى بولىدۇ؛ بەزىلىرى پەقەت بىرقانچە سېكۇنت داۋاملاشسا، يەنە بەزىلىرى بىرقانچە سائەت داۋام قىلىدۇ. قارا قۇيۇن سۇ يۈزىدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ شەكىللىنىدۇ. سۇ يۈزىدە شەكىللەنگىنى سۇ يۈزى قارا قۇيۇنى، قۇرۇقلۇقتا شەكىللەنگىنى قۇرۇقلۇق قارا قۇيۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. يانار تاغ پارتىلىغان ۋە زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ئوڭايلا غايەت زور قۇرۇقلۇق قارا قۇيۇنى شەكىللىنىدۇ. قارا قۇيۇن غايەت زور سۈمۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، ھەمىشە دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاشلىق ئامبارلىرىدىكى ئاشلىق ۋە باشقا رەڭلىك نەرسىلەرنى ئاسمان بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدۇ، كېيىن بۇ نەرسىلەر قارا يامغۇرغا ئەگىشىپ يەر يۈزىگە ياغىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «بېلىق يامغۇرى»، «ئاشلىق يامغۇرى»، «پۇرچاق يامغۇرى»، «قان يامغۇر»، ھەتتا «پۇل يامغۇرى» قاتارلىق ئاجايىپ - غارايىپ ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار