UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارمۇسسون ئىقلىمى

مۇسسون ئىقلىمى

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار مۇسسون شامىلى ئاتموسفېرانىڭ بىر خىل مۇھىم ھەرىكەت شەكلىدىن ئىبارەت، بۇ خىل شامالنىڭ يۆنىلىشى قىش ۋە ياز پەسلىنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ قارشى يۆنىلىشتە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق دېڭىزچى جېڭ خې دەل مۇسسون شامىلىدىن پايدىلىنىپ غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم بارغان. دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلار مۇسسون ئىقلىمىغا كىرىدۇ، ئەمما ئاسىيانىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى جۇڭگو، ياپونىيە، چاۋشيەن، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، ھىندىستان يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلاردا بۇ خىل ئىقلىم ئەڭ روشەن. مۇسسون ئىقلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئالدى بىلەن شامال يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر. قىشلىق مۇسسون شامىلى قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز - ئوكيانغا قاراپ چىقىدۇ، ھاۋاسى سوغۇق ۋە قۇرغاق بولىدۇ؛ يازلىق مۇسسون شامىلى دېڭىز - ئوكياندىن قۇرۇقلۇققا قاراپ چىقىدۇ، ھاۋاسى قاتتىق ئىسسىق ۋە نەم بولىدۇ. قىشلىق ۋە يازلىق مۇسسون شامىلىنىڭ يۆنىلىشى ئاساسەن قارىمۇقارشى بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر. ئېلىمىز ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تىنچ ئوكيانغا تۇتىشىدۇ. دېڭىز - قۇرۇقلۇقتىكى بۇ خىل جايلىشىش ئېلىمىزنى تىپىك مۇسسون ئىقلىمى دۆلىتىگە ئايلاندۇرغان. يازلىق مۇسسون شامىلى دېڭىز - ئوكياندىن چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن، نەم ئىسسىق ھاۋا ماسسىسى ئوڭايلا بۇلۇت ۋە يامغۇرنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا دېڭىز - ئوكيانغا قانچە يېقىن بولغانسېرى، نەم ئىسسىق ھاۋا ماسسىسى شۇنچە كۈچلۈك، ھۆل - يېغىنمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ دېڭىز - ئوكياندىن يىراق بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇقتا يامغۇر مىقدارى ئاز بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھۆل - يېغىننىڭ باشلىنىش ۋاقتى دېڭىز بويلىرىدىن قۇرۇقلۇق ئىچكىرىسىگە قاراپ تەدرىجىي كېيىنگە سۈرۈلىدۇ، ھۆل - يېغىننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، بۇ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكىدۇر. ئېگىز تاغلار قىسمەن بۇلۇتلارنى توسۇۋالغاچقا، بۇلۇتلار يۆتكىلەلمەي ھۆل - يېغىن يېغىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ، بولۇپمۇ شامالغا يۈزلەنگەن يانباغىردا تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا يامغۇر مىقدارى تاغلىق رايونلاردا تۈزلەڭلىك رايونلاردىن كۆپ، تاغنىڭ شامالغا يۈزلەنگەن يانباغرىدا شامالغا دالدا يانباغرىغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ، مانا بۇ ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئالاھىدىلىكىدۇر. تۆتىنچى ئالاھىدىلىكى يامغۇر مىقدارى ئاساسلىقى ياز پەسلىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بىر يىلدىكى ئومۇمىي يامغۇر مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. يازلىق مۇسسون شامىلى دېڭىز - ئوكياندىن چىققاچقا، يامغۇر مىقدارى كۆپ بولىدۇ؛ قىشلىق مۇسسون شامىلى قۇرۇقلۇقتىن چىققاچقا، يامغۇر مىقدارى ئاز بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ، شۇنىڭدەك شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ تىپىك مۇسسون ئىقلىمى رايونى بولۇشىدىكى سەۋەب: بۇ رايونلارنىڭ باشقا مۇسسون ئىقلىمى رايونلىرىغا ئوخشاش شارائىتقا ئىگە بولغانلىقىدىن سىرت يەنە بىر مۇھىم ئامىل بار، يەنى »دۇنيانىڭ ئۆگزىسى« − چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ رولى. يازلىق مۇسسون شامىلى مول يامغۇر ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى «يامغۇر پەسلى بىلەن ئىسسىق پەسىل بىرلا ۋاقىتتا بولۇش» تەك شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ شال قاتارلىق يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق، شۇڭا جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا، جۇڭگو، چاۋشيەن ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دۇنيا بويىچە شال مەركەزلىك تېرىلىدىغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ. يازلىق مۇسسون شامىلى بىلەن قىشلىق مۇسسون شامىلىنىڭ ئالمىشىش ۋاقتى مۇقىم بولمايدۇ، ئورنى ۋە كۈچلۈكلۈكى ئوخشاشمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان يىللاردىكى ئۆزگىرىشىمۇ بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇ ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
مۇسسون ئىقلىمى | UyghurWiki | UyghurWiki