UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى

ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار دۇنيادىكى ئىقلىم تىپلىرى خىلمۇخىل بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى لاندشافت ئالاھىدىلىكى بويىچە ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، قۇملۇق ئىقلىمى، يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى، ئوتلاق ئىقلىمى قاتارلىقلار. پەقەت ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىلا كونكرېت يەر نامى بويىچە ئاتالغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا دېڭىز رايونى بۇ خىل ئىقلىم ئەڭ تىپىك بولغان رايوندۇر. بۇ خىل ئىقلىم پەقەت ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغىلا تارقالغان ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، شىمالىي ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيىنىڭ دېڭىز بويى، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى كاپ توۋن رايونى ۋە ئوكيانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شۇنىڭدەك غەربىي جەنۇبى قىسمى قاتارلىق رايونلارغىمۇ تارقالغان. دۇنيا خەرىتىسىنى تەپسىلىي كۆزەتكەندە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان رايونلارنىڭ بەزى ئوخشىشىدىغان تەرەپلىرى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى °30-°40 لۇق كەڭلىككە، شۇنىڭدەك چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى ياكى جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان. بۇ رايونلار قىش پەسلىدە دېڭىز - ئوكياندىن كېلىدىغان مۆتىدىل بەلۋاغ غەرب شامىلىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، نەم ھاۋا ماسسىسى كۆپ مىقداردا ھۆل - يېغىن ئېلىپ كېلىدۇ، ياز پەسلىدە بولسا سۇبتروپىك بەلۋاغ يۇقىرى بېسىمىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرىدۇ، ھاۋا قۇرۇقلۇقتىن تۆت ئەتراپقا قاراپ تارقىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇلۇت ۋە يامغۇر ئاسان ھاسىل بولالمايدۇ، ئىسسىق، قۇرغاق بولۇشتەك ئىقلىم ئالاھىدىلىكى شەكىللىنىدۇ. پۈتۈن يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئادەتتە375 ~625 مىللىمېتىر بولىدۇ، يازدىكى ھۆل - يېغىن مىقدارى يىللىق ئومۇمىي ھۆل - يېغىن مىقدارىنىڭ تەخمىنەن % 10 ىنىلا تەشكىل قىلىدۇ. قىش پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى ℃ 5 ~℃ 10 ، ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى ℃ 21 ~℃ 27 بولىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى يازدا ئىسسىق قۇرغاق، قىشتا ئىللىق نەم بولىدۇ. بۇ مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك مۇسسون ئىقلىمىنىڭ يازدا ناھايىتى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق، قىشتا سوغۇق قۇرغاق بولىدىغان ئىقلىم ئالاھىدىلىكى بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى تۈپەيلىدىن بۇ رايونلاردىكى ھۆل - يېغىن ئارقىلىق تولۇقلىنىدىغان دەريالار قىش پەسلىدە ئۇلغىيىپ، ياز پەسلىدە قۇرۇپ كېتىدۇ؛ يېپىنچا ئۆسۈملۈكى قۇرغاقچىلىققا چىداملىق چاتقالنى ئاساس قىلىدۇ. تىپىك ئۆسۈملۈكى مايلىق زەيتۇن. بۇ خىل ئالاھىدە ئىقلىم رايونىدىكى دېڭىز ساھىلى قىش پەسلىدە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ياخشى سورۇن ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار