سوغۇق ئېقىم
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
سوغۇق ئېقىم قىش پەسلىدىكى بىر خىل ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى بولۇپ، كىشىلەر ئادەت بويىچە سوغۇق ئېقىمنى جۇدۇن دەپ ئاتىشىدۇ. سوغۇق ئېقىم دېگىنىمىز، شىمالدىكى سوغۇق ھاۋانىڭ كەڭ كۆلەمدە جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ ئېلىمىزگە بېسىپ كىرىپ، تېمپېراتۇرىنى كەڭ دائىرىدە شىددەت بىلەن تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان ۋە قىيپاش شىمال بورىنىنى شەكىللەندۈرىدىغان ھاۋا رايى جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇنداق بەلگىلىگەن: سوغۇق ھاۋا بېسىپ كىرىپ، بىر كۈن ئىچىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى℃10 تىن يۇقىرى ھەمدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5 تىن تۆۋەن بولسا، بۇ خىل سوغۇق ھاۋانىڭ پائالىيەت جەريانى بىر قېتىملىق سوغۇق ئېقىم جەريانى دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سوغۇق ھاۋانىڭ ھەر قېتىم جەنۇبقا بېسىپ كىرىشى سوغۇق ئېقىم بولۇۋەرمەيدۇ. ھەر قېتىم سوغۇق ئېقىم كىرىشتىن ئىلگىرى، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىلىرى جۇدۇن تېرېۋوگىسى بېرىپ، كۆپچىلىكتىن سوغۇقتىن ساقلىنىپ، ئۈششۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
سوغۇق ئېقىم قانداق شەكىللىنىدۇ؟ ئېلىمىز ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. ئېلىمىزدىن شىمالغا قاراپ ماڭساق، موڭغۇلىيە ۋە روسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىغا يېتىپ بارىمىز. سىبىرىيە ئىقلىمى ناھايىتى سوغۇق جاي. داۋاملىق شىمالغا قاراپ ماڭساق، يەر شارىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى رايون − شىمالىي قۇتۇپقا بارىمىز. بۇ جاي سىبىرىيە رايونىدىنمۇ سوغۇق بولۇپ، سوغۇق مەزگىلى تېخىمۇ ئۇزاق. ئېلىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سوغۇق ئېقىم دەل مۇشۇ جايلاردا شەكىللىنىدۇ.
يۇقىرى كەڭلىككە جايلاشقان شىمالىي قۇتۇپ رايونى بىلەن سىبىرىيە، موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىكى جايلارغا قۇياش نۇرى يىل بويى يانتۇ چۈشكەچكە، يەر يۈزى قۇياشتىن قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش نۇقتىسى جەنۇبقا سۈرۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، شىمالىي يېرىم شاردىكى قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇش بۇلۇڭى بارغانسېرى كىچىكلەيدۇ. شۇڭا يەر يۈزى قۇياشتىن ئىگە بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئازىيىدۇ، نەتىجىدە يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ. قىش پەسلىدە شىمالىي مۇز ئوكيان رايونىدا تېمپېراتۇرا دائىم ℃ 20- تىن تۆۋەن بولىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ℃60- ~ ℃ 70- قا چۈشۈپ قالىدۇ. يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى كۆپىنچە ℃40- تىن تۆۋەن بولىدۇ.
شىمالىي قۇتۇپ بىلەن سىبىرىيە ئەتراپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، ئاتموسفېرانىڭ زىچلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ھاۋا ئۈزلۈكسىز تارىيىپ تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ، ھاۋا بېسىمى ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۈچى ناھايىتى زور بولغان قېلىن ۋە كەڭ دائىرىلىك سوغۇق يۇقىرى بېسىم ھاۋا ماسسىسى شەكىللىنىدۇ. بۇ سوغۇق يۇقىرى بېسىم كۈچىيىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە، شىددەتلىك دېڭىز تاشقىنىدەك ئېلىمىزگە بېسىپ كىرىدۇ، مانا بۇ سوغۇق ئېقىم.
ھەربىر قېتىملىق سوغۇق ئېقىمدىن كېيىن سىبىرىيىدىكى سوغۇق ھاۋانىڭ بىر قىسمى ئازلايدۇ، ھاۋا بېسىمىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما بىر مەزگىلدىن كېيىن سوغۇق ھاۋا يەنە قايتىدىن توپلىنىپ، يەنە بىر قېتىملىق سوغۇق ئېقىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، شەرقى بىلەن غەربىنىڭ ئارىلىقى نەچچە يۈز كىلومېتىردىن نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئەمما قېلىنلىقى ئادەتتە2 -3 كىلومېتىرلا كېلىدۇ. سوغۇق ئېقىمنىڭ يۆتكىلىش تېزلىكى سائىتىگە نەچچە ئون كىلومېتىر بولۇپ، پويىزنىڭ تېزلىكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئېلىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سوغۇق ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ئۈچ لىنىيىسى بار: بىرىنچىسى، غەربىي لىنىيە، بۇ ئېلىمىزگە ئەڭ بالدۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان، قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولىدىغان لىنىيە. كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا شىمالىي قۇتۇپتىن چىقىپ سىبىرىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىن جەنۇبقا سۈرۈلۈپ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كىرىدۇ، ئاندىن خېشى كارىدورىنى بويلاپ شىمالىي جۇڭگو، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ، تاكى جەنۇبىي جۇڭگو، ھەتتا غەربىي جەنۇب رايونىغىچە يېتىپ بارىدۇ. ئىككىنچىسى، ئوتتۇرا لىنىيە بولۇپ، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا سىبىرىيىدىكى بايقال كۆلى بىلەن موڭغۇلىيە ئەتراپلىرىدىن چىقىپ ئېلىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن ئۆتۈپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىدىن تاكى شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويى رايونلىرىغىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۈچىنچىسى، شەرقىي لىنىيە بولۇپ، سوغۇق ھاۋا سىبىرىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىن جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، بەزىدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىن ئۆتىدۇ، بەزىدە ياپون دېڭىزى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز بويى بەلۋاغلىرىغا بېسىپ كىرىدۇ. بۇ لىنىيىدىن جەنۇبقا سۈرۈلىدىغان سوغۇق ئېقىمنىڭ ئاساسىي كۈچى شەرققە ئېغىپ كېتىدىغان بولغاچقا، تەسىرى ئادەتتە ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ، قېتىم سانىمۇ ئاز.