UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارتەيفېڭ بورىنى

تەيفېڭ بورىنى

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار ھەر يىلى ياز پەسلىدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى رايونلار دائىم تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. تەيفېڭ بورىنى گەرچە يامغۇر ئېلىپ كەلسىمۇ، ئەمما ئاپەتمۇ پەيدا قىلىدۇ. تەيفېڭ بورىنى تروپىك بەلۋاغدىكى ئوكيان يۈزىدە شەكىللىنىدۇ، چۈنكى بۇ جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، ھەم ئىسسىق، ھەم نەم بولغان ھاۋا يۇقىرى بوشلۇققا كۆپلەپ كۆتۈرۈلۈپ كوندېنساتسىيىلىنىپ يامغۇر ھاسىل قىلىپ، كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوكيان يۈزىدىكى ھاۋا يەنە ئىسسىيدۇ. ئوكيان يۈزىدىن يەنە كۆپ مىقداردا سۇ پارى ھورلىنىپ يۇقىرى بوشلۇققا كۆتۈرۈلىدۇ، نەم ئىسسىق ھاۋا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ خىل قايتا - قايتا تەكرارلىنىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا مەركىزىنىڭ ھاۋا بېسىمى ناھايىتى تۆۋەن، تۆت ئەتراپى بىرقەدەر سوغۇق بولغان، ھاۋا تۆۋەن ھاۋا بېسىم رايونىغا كۆپلەپ يىغىلىدىغان سىكلون مەركىزى شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل سىكلون تروپىك بەلۋاغدىكى دېڭىز - ئوكيان يۈزىدە شەكىللىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، «تروپىك بەلۋاغ سىكلونى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا تروپىك بەلۋاغ سىكلونىنىڭ ھەممىسىلا تەيفېڭ بورىنىغا ئايلىنالمايدۇ، پەقەت تروپىك بەلۋاغ سىكلونى ئۈزلۈكسىز تۈردە تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكى يۇقىرى بولغان تېخىمۇ كۆپ مىقداردىكى ھاۋا بىلەن تولۇقلانسا ھەمدە سىكلوننىڭ يۇقىرىسىدا كۈچلۈك دىۋېرگېنسىيە (تارقىلىش) رايونى شەكىللىنىپ، تۆۋەندىن يۇقىرى بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن ئىللىق نەم ھاۋا ئۈزلۈكسىز تۈردە تۆت ئەتراپقا تارقىلالسا، تروپىك بەلۋاغ سىكلونى تەيفېڭ بورىنىغا ئايلىنىدۇ. تەيفېڭ بورىنى غايەت زور ھاۋا قاينىمىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ دىئامېتىرى نەچچە يۈز كىلومېتىردىن نەچچە مىڭ كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ. ئېگىزلىكى ئادەتتە توققۇز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بەزىلەرنىڭ ھەتتا27 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تەيفېڭ بورىنىنىڭ مەركىزىدە دىئامېتىرى تەخمىنەن10 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر كاۋاك نەيچىسىمان رايون بولىدۇ. مېتېئورولوگىيە ئىلمىدە بۇ رايون «تەيفېڭ بورىنىنىڭ كۆز رايونى» دەپ ئاتىلىدۇ. تەيفېڭ كۆزىنىڭ ئىچىدە تۆۋەنگە ئولتۇرۇشىدىغان ھاۋا ئېقىمى ئەۋج ئالىدۇ، كۆپىنچە ئىللىق، ئوچۇق ھاۋا رايى بولىدۇ. تەيفېڭ كۆزىنىڭ سىرتى غايەت زور، قېلىن بۇلۇت تېمىدىن ئىبارەت، بۇ بوران - چاپقۇن ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغان جايدۇر. تەيفېڭ بورىنى يۆتكەلگەن ۋاقىتتا، نۇرغا ئوخشاش تېز سۈرئەتتە ئايلىنىپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇنىڭ لىنىيىسى ھەمىشە ئەگرى - بۈگرى بولىدۇ، ئەمما ھەر يىلى بىرقەدەر مۇقىم لىنىيە بويىچە يۆتكىلىدۇ. ئېلىمىزگە ئاساسلىقى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تەيفېڭ بورىنى بىلەن نەنخەي دېڭىزى تەيفېڭ بورىنى تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت لىنىيىسى پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوخشاش بولمايدۇ:1 ~4 - ئايلاردا مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەيفېڭ بورىنى پەقەت شىمالىي كەڭلىك °10 نىڭ جەنۇبىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئېلىمىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.5 ~6 - ئايلاردا ئاساسلىقى ئىككى لىنىيە ئارقىلىق يۆتكىلىدۇ: بىرى، شىمالىي كەڭلىك °10~°15 ئارىلىقىدا بولۇپ، شەرقتىن غەربكە قاراپ يۆتكىلىپ نەنخەي دېڭىزىغا كىرىدۇ؛ يەنە بىرى، شەرقىي ئۇزۇنلۇق °120 ~ °125 ئارىلىقىدا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، شەرقىي شىمال تەرەپتىكى ياپونىيىگە قاراپ يۆتكىلىدۇ.7 ~9 - ئايلار تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تەيفېڭ بورىنىنىڭ تازا ئەۋجىگە چىقىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. تەيفېڭ بورىنى شەكىللەنگەندىن كېيىن شىمالىي كەڭلىك °10~°25 ئارىلىقىدا شەرقتىن غەربكە قاراپ يۆتكىلىپ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزىدە ھەتتا شىمالىي جۇڭگو ۋە شەرقىي شىمال رايونىغىچە بېسىپ كىرىدۇ. يەنە بەزى تەيفېڭ بورانلىرى داۋاملىق غەربكە قاراپ ئىلگىرلىيەلمەي، دېڭىزدىلا يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ شەرقىي شىمالغا قاراپ يۆتكىلىدۇ.10 ~12 - ئايلاردا تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھەرىكەت لىنىيىسى جەنۇبقا چېكىنىپ، ئاساسلىقى شىمالىي كەڭلىك °17 نىڭ جەنۇبىدا شەرقتىن غەربكە قاراپ يۆتكىلىپ، نەنخەي دېڭىزىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بىر قىسمى تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز يۈزىدە شەرقىي شىمالغا يۆتكىلىدۇ. تەيفېڭ بورىنىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ، ئەڭ تېز سۈرئىتى ئادەتتە سېكۇنتىغا40 ~60 مېتىرغا يېتىدۇ. بەزى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئەڭ تېز سۈرئىتى سېكۇنتىغا110 مېتىرغا يېتىدۇ. بىر قېتىملىق تەيفېڭ بورىنى جەريانىدىكى يامغۇر مىقدارى ئادەتتە200 −300 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا1000 مىللىمېتىردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا تەيفېڭ بورىنى ئۆتكەن جايلاردا دائىم كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدۇ.1989 - يىل1 - ئاينىڭ1 - كۈنىدىن باشلاپ ئېلىمىز خەلقئارادا بەلگىلەنگەن تروپىك بەلۋاغ سىكلونىنىڭ نامى بىلەن دەرىجە ئۆلچىمىنى بىردەك قوللىنىشقا باشلىدى، يەنى تروپىك بەلۋاغ سىكلونى مەركىزىنىڭ ئورنىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولمىسا ھەمدە ئوتتۇرىچە ئەڭ چوڭ شامال كۈچى سەككىز بالدىن تۆۋەن بولسا تۆۋەن ھاۋا بېسىمى دەپ ئاتىلىدۇ؛ تروپىك بەلۋاغ سىكلونى مەركىزىنىڭ ئورنىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولسا، ئەمما مەركىزى ئەتراپىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەڭ چوڭ شامال كۈچى سەككىز بالدىن تۆۋەن بولسا تروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمى،8 −9 بالغا يەتسە، تروپىك بەلۋاغ شتورمى،10 −11 بال بولسا تروپىك بەلۋاغ كۈچلۈك شتورمى،12 بال ياكى ئۇنىڭدىن كۈچلۈك بولسا تەيفېڭ بورىنى دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار