غايەت زور ھاۋا ماسسىسى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە غايەت زور ھاۋا ماسسىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ گورىزونتال دائىرىسى نەچچە يۈز كىلومېتىردىن نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا، ۋېرتىكال قېلىنلىقى نەچچە كىلومېتىردىن ئون نەچچە كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ھاۋا ماسسىسى ئىچىدە، تېمپېراتۇرا، نەملىك، ھاۋا رايى ئەھۋالى قاتارلىقلار ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۆزگىرىش چوڭ بولمايدۇ.
تېمپېراتۇرا پەرقىگە ئاساسەن، ھاۋا ماسسىسىنى سوغۇق ھاۋا ماسسىسى ۋە ئىللىق ھاۋا ماسسىسى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. سوغۇق ھاۋا ماسسىسى كۆپىنچە شىمالدىكى سوغۇق ۋە قۇرغاق قۇرۇقلۇقتىن كېلىدۇ. بۇ جايلار يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى قىسقا، تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكى تۆۋەن بولىدۇ، چوڭ دائىرىلىك ھاۋا ئۇزاق مۇددەت بۇ خىل يەر يۈزى خۇسۇسىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، تەدرىجىي ھالدا دائىرىسى ناھايىتى چوڭ، خۇسۇسىيىتى بىرقەدەر مۇقىم بولغان سوغۇق ھاۋا ماسسىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل سوغۇق ھاۋا ماسسىسى جەنۇبقا سۈرۈلگەندە ھەمىشە بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. ياز پەسلىدە يەنە كونۋېكسىيىلىك بۇلۇت سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، گۈلدۈرمامىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىللىق ھاۋا ماسسىسى كۆپىنچە جەنۇبتىكى تروپىك بەلۋاغ رايونى ياكى دېڭىز - ئوكياندىن كېلىدۇ، ئادەتتە ئۇنىڭ نەملىكى ۋە تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ئۇ يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان رايونغا يۆتكىلىپ كەلگەندە تۆۋەن قاتلىمى سوۋۇپ، ھاۋانىڭ كونۋېكسىيىلىك ھەرىكىتى ئاسان راۋاجلىنالمايدۇ، كۆپىنچە ئوچۇق تۇرغۇن ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ.
ئېلىمىزدە قۇرۇقلۇق يۈزىنىڭ شەكلى ۋە خۇسۇسىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئادەتتە كەڭ دائىرىلىك مۇقىم، قېلىن ھاۋا ماسسىسى ئاسان شەكىللەنمەيدۇ. ئېلىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھاۋا ماسسىلىرى كۆپىنچە سىبىرىيە، موڭغۇلىيە ۋە تىنچ ئوكياننىڭ غەربى، نەنخەي دېڭىزى قاتارلىق جايلاردىن كېلىدۇ.
قىش پەسلىدە ئېلىمىز ئاساسلىقى سىبىرىيە بىلەن موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن كەلگەن سوغۇق ھاۋا ماسسىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سوغۇق ئېقىم شەكىللىنىدۇ. تروپىك بەلۋاغ تىنچ ئوكيان ھاۋا ماسسىسى بىلەن نەنخەي دېڭىزى ھاۋا ماسسىسى ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ھاۋا رايىغا بىرقەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەنخەي دېڭىزى ھاۋا ماسسىسى ئاساسلىقى ئېلىمىزنىڭ يۈننەن رايونىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ئوچۇق، ئىللىق بولىدۇ. تروپىك بەلۋاغ تىنچ ئوكيان ھاۋا ماسسىسى بېسىپ كىرگەندە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، قىش پەسلىدىكى ئىسسىق دولقۇن شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭغا ھاۋا ماسسىسىنىڭ تەركىبىدىكى سۇ پارىنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولۇشى قوشۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ھۆل - يېغىننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ياز پەسلىدە تروپىك بەلۋاغ تىنچ ئوكيان ھاۋا ماسسىسى شىمالغا يۆتكىلىپ، ئېلىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ دېڭىز رايونىدىن يېڭىلا كىرگەندە، ھەمىشە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر قاتارلىق تۇراقسىز ھاۋا رايى شەكىللىنىدۇ، بولۇپمۇ جېجياڭ بىلەن فۇجيەننىڭ تاغلىقلىرى ۋە نەنلىڭ تېغىنىڭ ئەتراپىدا يەر شەكلىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن دائىم گۈلدۈرماما شەكىللىنىدۇ. بۇ ھاۋا ماسسىسى داۋاملىق شىمالغا ئىلگىرىلىگەندە ھەمدە ئېلىمىزدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغاندا ھاۋا ئەكسىچە قاتتىق ئىسسىيدۇ ۋە ئېچىلىدۇ. سىبىرىيە ھاۋا ماسسىسى شىمالغا چېكىنىپ، ئېلىمىزگە بولغان تەسىرى ئاجىزلايدۇ.
ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرى سىبىرىيە ھاۋا ماسسىسى بىلەن تروپىك بەلۋاغ تىنچ ئوكيان ھاۋا ماسسىسى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تىركىشىدىغان ئۆتكۈنچى پەسىل، بۇ چاغدا ھاۋا كۆپ ئۆزگىرىدۇ، دائىم سىم - سىم يامغۇر ياغىدۇ.