UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارلاتقا - شېغىللىق ئېقىن

لاتقا - شېغىللىق ئېقىن

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار مىڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى دۇڭچۇەن شەھىرىنىڭ داچياۋخې ئەتراپى ماددىي مەھسۇلاتلىرى مول، نوپۇسى زىچ جاي ئىدى، ئەمما ھازىر بۇ جاي ھەممە يەرنى قۇم - شېغىل قاپلىغان قاقاسلىقتىن ئىبارەت. ئىلگىرىكى بۇ ئاۋات جاينى ۋەيران قىلغان باش جىنايەتچى دەل لاتقا - شېغىللىق ئېقىندۇر. لاتقا - شېغىللىق ئېقىن تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان، بۇزغۇنچىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بىر خىل ئالاھىدە قىياندىن ئىبارەت. بۇ خىل قىياننىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا لاي - قۇم ۋە تاش پارچىلىرى بولىدۇ. شۇڭا لاي ئېقىن، تاش قىيان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لاتقا - شېغىللىق ئېقىن يۈز بەرگەندە، تاغلار گۈلدۈرلەپ، يەرلەر تىترەيدۇ، قارا يامغۇر، كەلكۈن سۈيى ياكى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىگەن سۇلىرى لاي - قۇم ۋە تاش - شېغىللارنى ئېلىپ يېپىشقاق پاتقاققا ئايلىنىپ، خۇددى باغلاقتىن قۇتۇلغان ياۋا ئاتقا ئوخشاش تىك يانباغىردىن شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ تاغ ئاستىدىكى تەكشى جايغا كەلگەندە قەدىمىنى توختىتىدۇ ھەمدە يەلپۈگۈچسىمان تاش دېڭىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ. لاتقا - شېغىللىق ئېقىننىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى شىددەتلىك، بۇزغۇنچىلىقى زور بولىدۇ. ئۇ مۇنبەت ئېتىزنى قاقاسلىققا، مېۋىلىك باغنى پاتقاققا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يول، كۆۋرۈك، توسمىلارنى ۋەيران قىلىپ، دەريانى توسۇۋالىدۇ، ئۆيلەرنى بېسىۋالىدۇ، ھەتتا يېزا - كەنت ۋە شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ.1970 - يىلى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ پېرۇدىكى ئاند تېغىدا مۇزلۇقنىڭ لاتقا - شېغىللىق ئېقىنى يۈز بەرگەن بولۇپ،30 مىليون كۇب مېتىردىن كۆپرەك قار - مۇزلۇق لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ژونگۋاي شەھىرىگە بېسىپ كىرگەن. ھەش - پەش دېگۈچە پۈتكۈل شەھەر ئۈزۈل - كېسىل ۋەيران بولۇپ،30 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ھەممىسى تالاپەتكە ئۇچرىغان. بۇ قېتىمقى لاتقا - شېغىللىق ئېقىننىڭ كۈچى ناھايىتى زور بولۇپ، نىسپىي ئېگىزلىكى100 مېتىر كېلىدىغان تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۈچ توننا ئېغىرلىقتىكى بىر پارچە تاغ جىنسىنى600 مېتىردىن كۆپرەك ئارىلىققا يۆتكىۋەتكەن. لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئادەتتە يېرىم قۇرغاق تاغلىق رايونلار ياكى ئېگىزلىكتىكى مۇزلۇق رايونلاردا يۈز بېرىدۇ. بۇ جايلارنىڭ يەر شەكلى ناھايىتى تىك، لاتقا - شېغىل ۋە تاش پارچىلىرى قاتارلىق دۆۋىلەنمە ماددىلار بىرقەدەر كۆپ، دەل - دەرەخلەر ناھايىتى ئاز بولىدۇ. بۇ خىلدىكى رايونلاردا قارا يامغۇر ياغسىلا ياكى مۇزلۇقلار ئېرىسىلا، چوڭ - كىچىك تاش پارچىلىرى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلىنىپ يانتۇلۇقنى بويلاپ تۆۋەنگە سىيرىلىدۇ - دە، لاتقا - شېغىللىق ئېقىننى شەكىللەندۈرىدۇ. كىشىلەر جىلغا توسمىسى ۋە ئېقىن باشلاش توسمىسىنى ياساش، كۆچەت تىكىپ يانتۇلۇقنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ لاتقا - شېغىللىق ئېقىننىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
لاتقا - شېغىللىق ئېقىن | UyghurWiki | UyghurWiki