UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش

ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار ھاۋا رايى خەرىتىسى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتىكى مۇھىم قورال. ھاۋا رايى خەرىتىسى ئاساسلىقى يەر يۈزى ھاۋا رايى خەرىتىسى ۋە يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا رايى خەرىتىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ھاۋا رايى خەرىتىسىگە ھەر خىل ھاۋا رايى بەلگىلىرى زىچ سىزىلغان بولىدۇ، بۇ ھاۋا رايى بەلگىلىرى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېتېئورولوگىيىلىك ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق تولدۇرۇلغان. ھەربىر بەلگە مۇئەييەن ھاۋا رايىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇلۇتنىڭ شەكلىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىمۇ (كەينى بەتتىكى رەسىمگە قاراڭ)، شامال يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىمۇ، شۇنىڭدەك بۇلۇت مىقدارى، ھاۋا بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىمۇ بار. بۇ بەلگىلەر بىر تۇتاش بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە جۇغراپىيىلىك ئورنىغا تولدۇرۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ كەڭ رايونلارنىڭ ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدىكى كۆزىتىلگەن ھاۋا رايى ئامىللىرى، مەسىلەن، شامال، تېمپېراتۇرا، نەملىك دەرىجىسى، ھاۋا بېسىمى، بۇلۇت، شۇنىڭدەك ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولۇش، قار ۋە يامغۇر يېغىش قاتارلىقلارنى بىر پارچە ھاۋا رايى خەرىتىسىگە تولدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر پارچە ھاۋا رايى خەرىتىسى تۈزۈپ چىقىشقا بولىدۇ. ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى خادىم ھاۋا رايى خەرىتىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەھلىل قىلىپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ، تەھلىل نەتىجىسىنى ئوخشاش بولمىغان رەڭلەردىكى سىزىق ۋە بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىدۇ. يەر يۈزى ھاۋا رايى خەرىتىسىدە تەھلىل قىلىنىدىغان مەزمۇنلار ھەرقايسى جايلاردىكى مۇھىم ھاۋا رايى ھادىسىلىرى (مەسىلەن، ھۆل - يېغىن، بوران، گۈلدۈرماما قاتارلىقلار) يۈز بېرىدىغان رايوننىڭ دائىرىسىنى چەمبەر ئارقىلىق كۆرسىتىش، سوغۇق فرونت، ئىللىق فرونت، نىسپىي تۇرغۇن فرونت جايلاشقان ئورۇننى سىزىپ چىقىش، پۈتكۈل خەرىتىدىكى تەڭ بېسىم سىزىقلىرىنى سىزىپ، تۆۋەن بېسىم، يۇقىرى بېسىم مەركەزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئىپادىلەپ چىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق خەرىتىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ ۋەزىيىتىنى، يەنى قايسى جاينىڭ يۇقىرى بېسىم، قايسى جاينىڭ تۆۋەن بېسىم بولىدىغانلىقىنى، سوغۇق ۋە ئىللىق ھاۋا ئۇچرىشىدىغان جاينىڭ قەيەردىلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا رايى خەرىتىسىدە تولدۇرۇلىدىغان مېتېئورولوگىيىلىك ئامىللار تەڭ بېسىملىق يۈزدىكى ھەرقايسى نۇقتىلارنىڭ ئېگىزلىكىدىن ئىبارەت، شۇڭا مۇئەييەن سانلىق قىممەتتىكى تەڭ ئېگىزلىك سىزىقى تەھلىل قىلىپ سىزىپ چىقىلىدۇ. تەڭ ئېگىزلىك سىزىقى سىزىپ چىقىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى بوشلۇقنىڭ ھاۋا بېسىم ۋەزىيىتىنى، يەنى قەيەرنىڭ تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى، قەيەرنىڭ يۇقىرى بېسىم ئومۇرتقىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تەڭ تېمپېراتۇرا سىزىقى سىزىپ چىقىلىپ، ئىللىق ۋە سوغۇق ھاۋا مەركەزلىرى ئىپادىلىنىدۇ. ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى خادىملار سوغۇق ۋە ئىللىق مەركەزلەر بىلەن تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى ۋە يۇقىرى بېسىم ئومۇرتقىسىنىڭ ماسلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كەلگۈسىدىكى ھاۋا بېسىم ۋەزىيىتىگە ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈم قىلالايدۇ. مېتېئورولوگىيە پەن - تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر بەزى مېتېئورولوگىيە ئىستانسىلىرى مېتېئورولوگىيە رادارى، مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق ئىلغار تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قوراللىرى ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،1966 - يىلىدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدىكى تروپىك بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان يۈزىدە پەيدا بولغان تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھاۋا رايى سۈنئىي ھەمراھىنىڭ «كۆزى» دىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. سۈنئىي ھەمراھ بۇلۇت خەرىتىسى چوڭ تىپتىكى قارا بوران، كۈچلۈك ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ۋە ئالدىن بايقاشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش | UyghurWiki | UyghurWiki