UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارشەپەق

شەپەق

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار كۈن چىقىش ۋە كۈن ئولتۇرۇشنىڭ ئالدى - كەينىدە ئاسمان بەزىدە قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭگە كىرىدۇ، مانا بۇ شەپەق دېيىلىدۇ. سەھەردە كۆرۈلىدىغىنى ئەتىگەنكى شەپەق، كەچقۇرۇن كۆرۈلىدىغىنى كەچكى شەپەق دەپ ئاتىلىدۇ. شەپەق قانداق پەيدا بولىدۇ؟ كۈن چىققان ۋە كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتا، كۈن نۇرى بىرقەدەر قېلىن بولغان ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاسماننى يورۇتىدۇ، كۈن نۇرى ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئۆتكەندە، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقىراق بولغان بىنەپشە نۇر بىلەن كۆك نۇر ئاتموسفېرا قەۋىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە چېچىلىپ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇققا يېتىپ كەلگەندە، بۇ خىل نۇرلار ئاساسەن قالمايدۇ. بۇ چاغدا پەقەت دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان قىزىل، قىزغۇچ سېرىق ۋە سېرىق نۇرلارلا قالىدۇ. بۇ نۇرلار ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئۈستىدىكى ھاۋا مولېكۇلىلىرى، سۇ پارى، چاڭ - توزان، ئارىلاشما ماددىلار تەرىپىدىن چېچىلغاندىن كېيىن، چىرايلىق شەپەق ھاسىل بولىدۇ. ھاۋادىكى سۇ پارى ۋە چاڭ - توزان، ئارىلاشما ماددىلار قانچە كۆپ بولسا، شەپەقنىڭ رەڭگى شۇنچە ئوچۇق بولىدۇ. مۇبادا ئاسماندا بۇلۇت بولسا، بۇلۇتلارمۇ شەپەقنىڭ رەڭگىدە گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.1883 - يىل8 - ئاينىڭ23 - كۈنى ھىندونېزىيىنىڭ كاراكاتاۋ ئارىلىدا يانار تاغ كۈچلۈك پارتلىغان. ئېتىلىپ چىققان يانار تاغ كۈلى تەخمىنەن18 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن، كۆپ مىقداردىكى ئۇششاق چاڭ - توزانلار70 -80 مىڭ مېتىر ئېگىزلىككىچە كۆتۈرۈلۈپ ئاسماننى ئۇزاق مۇددەت قاپلىغان. شۇڭا شۇ يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈنگەن شەپەق تولىمۇ يارقىن بولغان، كىشىلەر ئۇنى «قانغا بويالغان شەپەق» دەپ ئاتاشقان. شەپەقنىڭ رەڭگى ۋە ئوچۇقلۇق دەرىجىسى ئاتموسفېرادىكى سۇ پارى ۋە چاڭ - توزانلارنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، شەپەقنىڭ رەڭگى، پەيدا بولۇشى ۋە يوقىلىشى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن مەلۇمات بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. «ئەتىگەندە شەپەق بولسا ئۆيدىن چىقمىغىن، كەچتە شەپەق بولسا مىڭ چاقىرىم يۈرگىن» دېگەن گەپ بار. بۇ، ئەتىگەنكى شەپەقنىڭ يامغۇردىن، كەچكى شەپەقنىڭ ئوچۇق ھاۋادىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
شەپەق | UyghurWiki | UyghurWiki