يەرلىك ئىقلىم
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
«باھار پەسلى گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپتۇ ھۈپپىدە،
دىماغلارغا ئۇرۇلىدۇ خۇشبۇي ھىدى گۈپپىدە.
تاغلار ئارا بۇتخانىلار ياسىنىپتۇ شۇنچە ئۇز،
شاپتۇللارنىڭ شاخ - شېخىدا چېچەكلىرى غۇچچىدە.»
بۇ بەي جۈييى لۇشەن تېغىنى ساياھەت قىلغاندا كۆرگەن مەنزىرە بولۇپ،4 - ئاي كەلگەندە تاغنىڭ تۆۋىنىدە چېچەكلەر ئاللىقاچان تۆكۈلۈپ بولسىمۇ، ئەمما تاغ ئۈستى بۇتخانىدىكى شاپتۇل دەرىخى ئەمدىلا چېچەكلەشكە باشلىغان. بۇ خىل چوڭ دائىرىدە ئىچىدىكى ئوخشاشمايدىغان ئىقلىم ئەھۋالى، تۈزلەڭلىك بىلەن تاغلىق رايونلارنىڭ روشەن پەرقى يەرلىك ئىقلىم دېيىلىدۇ، «كىچىك ئىقلىم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كىچىك ئىقلىمنى شەكىللەندۈرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، يەر يۈزى خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقى، يەنە بىرى ئىنسانلار ۋە جانلىقلارنىڭ پائالىيىتى. كىچىك ئىقلىم ۋېرتىكال يۆنىلىشتە يەر يۈزىدىن يۇقىرىغا قاراپ100 −200 مېتىر سوزۇلىدۇ. گورىزونتال يۆنىلىشتە، مىكرو ماكاندىكى مىكرولۇق ئىقلىم، مەسىلەن، يەر يۈزى، ئۆسۈملۈك، ھەرە ئۇۋىسى قاتارلىقلارنى؛ كىچىك ماكاندىكى كىچىك ئىقلىم، مەسىلەن، ئوتلاق، يانتولۇق، كوچا، ئېتىز، زاۋۇت رايونى، سېخ، ئۆڭكۈر قاتارلىقلارنى؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە كىلومېتىردىن نەچچە ئون كىلومېتىرغىچە بولغان قىسمەن ئىقلىم، مەسىلەن، ئورمان رايونى، جىلغا، سازلىق، دېڭىز قىرغىقى، شەھەر، تاغلىق رايون، كىچىك ئارال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
»بىر تاغدا تۆت پەسىل بولىدۇ« دېگەن سۆز بار، بۇ كىچىك ئىقلىم ئالاھىدىلىكىنىڭ تاغلىق رايونلاردا ئالاھىدە روشەن ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىلگىرى بىرەيلەن6 - ئايدا سىچۇەننىڭ شىمالىدىكى ئابادىن يولغا چىقىپ تاغدىن چۈشكەن، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3600 مېتىر كېلىدىغان يەردىن ئۆتكەندە، تاغ جىلغىسىدا قار - مۇزلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن؛ داۋاملىق مېڭىپ دېڭىز يۈزىدىن2700 مېتىر كېلىدىغان مىيانو دېگەن جايغا كەلگەندە، بۇغداي مايسىلىرىنىڭ كۆكەرگەنلىكىنى؛ يەنە داۋاملىق تۆۋەنلەپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1500 مېتىر كېلىدىغان جايغا كەلگەندە، بۇغدايلارنىڭ سارغىيىپ پىشاي دەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن، ھالبۇكى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1360 مېتىر بولغان ماۋۋېن ناھىيىسىدە ئورما باشلانغان؛ كەچقۇرۇن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى780 مېتىر بولغان سىچۇەننىڭ غەربىي قىسىم تۈزلەڭلىكىدىكى گۇەنشيەن ناھىيىسىگە كەلگەندە، بۇغداينىڭ ئاللىقاچان ئورۇلۇپ بولغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ئادەم بىر كۈن ئىچىدىلا تېرىم ۋاقتىدىن ئورما ۋاقتىغىچە بولغان تۆت پەسىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.
گەرچە يەرلىك ئىقلىم ئاساسلىقى قىسمەن تەبىئىي شارائىت ياكى سۈنئىي شارائىت ئارقىلىق بەلگىلەنسىمۇ، ئەمما يەنىلا چوڭ دائىرىلىك ھاۋا رايى ۋە ئىقلىم شارائىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. كىچىك ئىقلىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، كىچىك ئىقلىم مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش سانائەت - يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.