UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارقۇتۇپ ئىقلىمى

قۇتۇپ ئىقلىمى

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار يىل بويى مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان قۇتۇپ رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى قاتتىق سوغۇق، ھۆل - يېغىنى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ھەممە يەر چەكسىز كەتكەن قارلىق دالا بولۇپ، بوران يىل بويى دېگۈدەك چىقىدۇ، تېمپېراتۇرا ھەمىشە نۆلدىن تۆۋەن نەچچە ئون گرادۇسقا يېتىدۇ. بۇ جايلارغا ئىنسانلارنىڭ قەدىمى ناھايىتى ئاز يەتكەن بولۇپ، ھەمىشە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. كىشىلەر جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىقلىمنى قۇتۇپ ئىقلىمى ياكى سوغۇق بەلۋاغ ئىقلىمى دەپ ئاتىشىدۇ، ئۇ شىمالىي مۇز ئوكيان، قۇتۇپ رايوننى چۆرىدىگەن ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ چەت رايونلىرى، شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز - ئوكيان رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇتۇپ ئىقلىمى رايونىنىڭ كۆپ قىسمى قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىگە جايلاشقان بولغاچقا، قۇياش نۇرى ناھايىتى يانتۇ چۈشىدۇ، شۇڭا بۇ رايون ئىگە بولىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئېنېرگىيىسى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر يۈزى كۆپىنچە قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرغاچقا، يەر يۈزىنىڭ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئىگە بولىدىغان ئاز مىقداردىكى ئىسسىقلىقنىڭ بىر قىسمى قايتۇرۇۋېتىلىدۇ، قوبۇل قىلىنغان ئېنېرگىيىنىڭ كۆپ قىسمى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىشىدە سەرپ بولىدۇ، شۇڭا قۇتۇپ ئىقلىمى رايونىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى يىل بويى قاتتىق سوغۇق بولۇش، تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى ئېنىق بولماسلىقتۇر. شىمالىي قۇتۇپ بىلەن جەنۇبىي قۇتۇپ گەرچە قۇتۇپ ئىقلىمىغا تەۋە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ. شىمالىي يېرىم شاردا ئادەتتە دەل - دەرەخلەر ئۆسەلەيدىغان ئەڭ شىمالىي چېگرا قۇتۇپ ئىقلىمىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى قىلىنىدۇ. پۈتكۈل رايوننىڭ كۆپ قىسمى مەڭگۈلۈك توڭ سۇ رايونىدىن ئىبارەت. پەقەت چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدە يازدا تېمپېراتۇرا ℃ 0 تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما يەنىلا ℃ 10 تىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇ رايوندا مۇخ ۋە لىشاينىك قاتارلىق تۆۋەن دەرىجىلىك بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئاندا - ساندا ئۆسكەچكە، ئادەتتە «تۇندرا ئىقلىمى» رايونى دەپ ئاتىلىدۇ. مەڭگۈلۈك توڭ سۇ رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃ 0 بىلەن ℃ 40- ئارىلىقىدا ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، «مۇزلۇق ئىقلىمى» ياكى «مەڭگۈلۈك توڭ ئىقلىم» رايونى دەپ ئاتىلىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئەمما قۇياش نۇرى ئاجىز بولغاچقا، يەر يۈزىدە پارلىنىش ئاز، نىسپىي نەملىك دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، بۇلۇت ۋە تۇمان بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. بۇ جاي گەرچە سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما ئىننۇئىتلار ياشايدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپ رايونى شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىن خېلىلا سوغۇق بولىدۇ. ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى2000 مېتىردىن ئاشىدىغان مۇز قاتلىمى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ چەت رايونلىرىدىمۇ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃ 10- تىن تۆۋەن بولىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مەركىزىي رايونىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 50 - ~ ℃ 60 - بولىدۇ. ئالىملار ئىلگىرى ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ℃ 5 .94- لۇق تۆۋەن تېمپراتۇرىنى ئۆلچىگەن. پۈتكۈل ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى50 مىللىمېتىر، قۇرۇقلۇق ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭغانسېرى ھۆل - يېغىن مىقدارى شۇنچە ئازلاپ بارىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپ نۇقتىسىنىڭ ئەتراپىدا يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاران بەش مىللىمېتىر بولىدۇ. بۇ جاي ئىنتايىن سوغۇق بولغاچقا، ھەرقايسى ئەللەر ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغاندىن باشقا، تا ھازىرغىچە ئادەمزات ئولتۇراقلاشمىدى.1985 - يىلىدىن كېيىن دۆلىتىمىزمۇ جەنۇبىي قۇتۇپتا تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى − سەددىچىن پونكىتى بىلەن جۇڭسەن پونكىتىنى قۇردى.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
قۇتۇپ ئىقلىمى | UyghurWiki | UyghurWiki