قار كۆچكۈنى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
1950 - يىلى ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىدىكى بومى رايونىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان قار كۆچكۈنى يۈز بەرگەن. قار كۆچكۈنىدە بىر غايەت زور قار توپى دېڭىز يۈزىدىن6000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئۈستىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ، بىر مۇزلۇقتىن ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى4000 مېتىر كېلىدىغان تاغ ئومۇرتقىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاخىردا يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسىنىڭ چوڭ ئەگمە بۆلىكىدىكى تارماق ئېقىنغا چۈشۈپ دەريا يولىنى توسۇۋالغان ھەمدە تاشيول قاتنىشىنى ئۈزۈپ قويغان. بۇ زور قار توپى يادرو بومبىسى پارتلىغاندىكىدەك غايەت زور كۈچكە ئىگە بولۇپ، بېسىپ ئۆتكەن جايلاردىكى ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن.1970 - يىل7 - ئاينىڭ24 - كۈنى ئېلىمىزدىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېگىز تاغ بەلۋېغىدا يۈز بەرگەن قار كۆچكۈنىدە، بېسىپ ئۆتكەن جايلاردىكى ئورمانلار ۋەيران قىلىنغاندىن سىرت ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، ئادەم، چارۋىلارنىڭ يارىلىنىشى ۋە ئۆلۈشى كېلىپ چىققان.
قار كۆچكۈنى يىغىندى قارنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنگە سىيرىلىپ چۈشۈشىدىن ئىبارەت تەبىئىي ھادىسە. ئۇنىڭ ئىككى ئالدىنقى شەرتى بولىدۇ: بىرىنچىدىن، قار كۆچكۈنى يۈز بېرىدىغان جاي چوقۇم يانتۇ تاغ باغرى ياكى جىلغا بولۇشى كېرەك. يانتۇلۇقى قانچە چوڭ بولسا، قار كۆچكۈنى شۇنچە ئاسان يۈز بېرىدۇ. تۈزلەڭلىك رايونلاردا يىغىندى قار ناھايىتى قېلىن بولسىمۇ، ئەمما قار كۆچكۈنى يۈز بەرمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، يىغىندى قار بىرقەدەر قېلىن بولۇشى كېرەك. بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەھلىل قىلغاندا، تاغ باغرىدىكى يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى30 سانتىمېتىردىن ئاشقاندىلا ئاندىن قار كۆچكۈنى يۈز بېرىدۇ، قارنىڭ قېلىنلىقى70 سانتىمېتىرغا يەتكەندە قار كۆچكۈنى دائىم يۈز بېرىدۇ. قار كۆچكۈنى كۆپىنچە ئېگىز تاغلاردىكى يىغىندى قار رايونىدا يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، تاغقا چىققۇچىلارنىڭ چوڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى بەزى تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى چومولاڭما چوققىسىغا چىقىۋاتقاندا، قار كۆچكۈنىگە يولۇقۇپ قار ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ھۆل - يېغىن، تېمپېراتۇرا، قۇياش نۇرى، شامال كۈچى، يەر تەۋرەش، شۇنىڭدەك سوقۇلۇشلارمۇ قار كۆچكۈنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ئىلىم - پەن خادىملىرى كۆپ يىللىق تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق توپا دۆڭ، گورىزونتال پەلەمپەي، قار توسمىسى ياساش قاتارلىق بىر يۈرۈش قار كۆچكۈنىدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ چىقىپ، قار كۆچكۈنىنىڭ زىيىنىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى.