تروپىك بەلۋاغ ئىقلىمى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
تروپىك بەلۋاغ ئىقلىمىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، يىل بويى تېمپېراتۇرا بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، تۆت پەسىلنىڭ چېگرىسى روشەن بولمايدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ سوتكىلىق ئۆزگىرىشى يىللىق ئۆزگىرىشىدىن چوڭ بولىدۇ.
جەنۇبىي كەڭلىك °25 بىلەن شىمالىي كەڭلىك °25 نىڭ ئارىلىقى تروپىك بەلۋاغ ئىقلىم رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايون ئىچىدە يەر يۈزى ۋە ھۆل - يېغىننىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، تروپىك بەلۋاغ ئىقلىمىدا يەنە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ. ئېكۋاتور ئەتراپى يىل بويى نەم ۋە ئىسسىق بولىدۇ، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى2500 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، پەسىللەرگە تەقسىملىنىشى بىرقەدەر تەكشى بولىدۇ. بىر كۈن ئىچىدىكى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشى دائىم بىرلا خىل ۋە قانۇنىيەتلىك بولىدۇ. ئەتىگەندە ھاۋا ئوچۇق، سالقىن بولۇپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، چۈشكە يېقىن ئاسماندىكى توپ بۇلۇت كۈچلۈك راۋاجلىنىپ بارغانسېرى قېلىنلايدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت بىر، ئىككىلەردە ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، قارا يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياغىدۇ، يامغۇر تاكى قاش قارايغىچە داۋاملىشىدۇ. يامغۇردىن كېيىن ھاۋا سەل سوۋۇيدۇ، ئەمما ئىككىنچى كۈنى كۈن چىققاندىن كېيىن ھاۋا يەنە دىمىق بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال يىل بويى داۋاملىشىدۇ، كىشىلەر بۇ خىل ئىقلىمنى »ئېكۋاتور ئىقلىمى« دەپ ئاتىشىدۇ.
ئېكۋاتور ئىقلىمىدا يىل بويى ياز بولىدۇ، پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى روشەن بولمايدۇ. بۇ جاي ناھايىتى ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئىسسىق ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، ئەڭ يۇقىرى مۇتلەق تېمپېراتۇرا ℃ 38 تىن ئاشىدىغان كۈنلەر ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃ 18 تىن تۆۋەن بولىدىغان كۈنلەرمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
تروپىك بەلۋاغدىكى قۇملۇق رايونلاردا ئىقلىم پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ. ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شىمالىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى، غەربىي ئاسىيادىكى ئەرەب قۇملۇقى ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى چوڭ قۇملۇق قاتارلىق جايلاردا يىل بويى قۇرغاق، يامغۇر ئاز، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز ۋە سوتكىلىق پەرقى ℃ 50 تىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئېلىمىزدىكى لېيجۇ يېرىم ئارىلى، خەينەن ئارىلى ۋە تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى تروپىك بەلۋاغ ئىقلىمىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، يىل بويى قىرو ۋە قارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھەممىلا يېرىدە بۈك - باراقسان تروپىك بەلۋاغ ئورمىنىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، يىل بويى زىمىستان قىش بولمايدۇ.
تروپىك بەلۋاغ رايونى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ۋە كۆپ يامغۇرلۇق بولغاچقا، ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشى ۋە كۆپىيىشى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق شارائىتلار ھازىرلانغان. تروپىك بەلۋاغ ئىقلىم رايونىدا نۇرغۇن قىممەتلىك ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەر بار. كەڭ كەتكەن تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنى ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سۈمۈرۈۋالىدىغان غايەت زور يېشىل زاۋۇت، ئۇ يەر شارى ئاتموسفېراسىدىكى ئوكسىگېن بىلەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ مىقدارىنى تەڭشەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.