UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملاريەر تەۋرەش ۋە يەر تەۋرەش بەلۋېغى

يەر تەۋرەش ۋە يەر تەۋرەش بەلۋېغى

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار يەر پوستى ھەرىكىتى جەريانىدا، يەر پوستىدىكى تاش قاتلىمى زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىلسا ياكى چاك كەتكەن جايلاردا يەنە بىر قېتىم سۈرۈلۈش كۆرۈلسە يەر تەۋرەيدۇ. يەر شارىدا ھەر يىلى تەخمىنەن5 مىليون قېتىم يەر تەۋرەيدۇ، يەنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن10 سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم يەر تەۋرەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھېس قىلالايدىغىنى يەر تەۋرەش ئومۇمىي قېتىم سانىنىڭ تەخمىنەن %1 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئىمارەتلەرنى بۇزۇۋېتىش دەرىجىسىگە يېتىدىغانلىرى10 قېتىم ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ. ئىلىم - پەندە يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈكى10 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش كۈچلۈك يەر تەۋرەش دېيىلىدۇ، ئۇ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى يەر تەۋرەش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يەر تەۋرەش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. يەر يۈزىدە ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، تاش - توپىلار غۇلاپ چۈشۈپ، ئادەملەرنىڭ يارىلىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن،1923 - يىلى ياپونىيىدىكى كانتودا9 .7 بال قاتتىق يەر تەۋرەپ، ئۇنىڭغا يەر تەۋرەش پەيدا قىلغان ئوت ئاپىتى قوشۇلۇپ توكيوغا زور بالايىئاپەت كەلتۈرگەن. يەر تەۋرەش ۋە ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ سانى600 مىڭغا، بېسىلىپ ۋە كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى100 مىڭغا يېقىنلاشقان.1976 - يىل7 - ئاينىڭ28 - كۈنى ئېلىمىزنىڭ تاڭشەن شەھىرىدە قاتتىق يەر تەۋرەپ، تاڭشەن پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈپتۈز بولۇپ كەتكەن،240 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.1988 - يىل12 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئەرمىنىيىدە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە ئۈچ شەھەر ۋەيران بولۇپ،55 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. دېڭىز - ئوكياندا يەر تەۋرىگەندە كۈچلۈك دولقۇن پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل دولقۇن تاشقى دېڭىزدا ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ، ئەمما سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ. دولقۇن دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشقاندا، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان دېڭىز تاشمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەر تەۋرەش يەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يەر پوستى ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا يەر شارىدىكى يەر تەۋرەش ئاساسلىقى بەلۋاغقا جايلاشقان. بىرىنچىسى، تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلۋېغى. ئۇ تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى چىلىدىن باشلىنىپ ئوكيان قىرغاقلىرىنى چۆرىدەپ تاكى غەربىي جەنۇب قىرغىقىدىكى ھىندونېزىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسى بۇ يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان. بۇ يەر تەۋرەش بەلۋېغىدىكى يەر پوستىنىڭ تۈزۈلمە ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىق، شۇڭا يەر شارىدىكى كۆپ سانلىق يەر تەۋرەشلەر مۇشۇ بەلۋاغدا يۈز بېرىدۇ. ئىككىنچىسى، ھىمالايا - ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەش بەلۋېغى بولۇپ، ئۇ غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمى، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىن ئۆتۈپ تاكى ھىندونېزىيىگىچە يېتىپ بېرىپ، تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلۋېغى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ ئىككى يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا نۇرغۇن يانار تاغلار جايلاشقان. ئېلىمىز بۇ ئىككى يەر تەۋرەش بەلۋېغىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، قىسمەن رايونلىرى يەر تەۋرەش بەلۋېغىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان، شۇڭا ئېلىمىزمۇ يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. جياڭشى، جېجياڭ ۋە گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە يەر تەۋرەش ئاپىتى نىسبەتەن ئاز بولغاندىن باشقا، تەيۋەن، شىزاڭ، يۈننەن، سىچۇەن، گەنسۇ، نىڭشيا، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردە بىرقەدەر كۈچلۈك يەر تەۋرەشلەر يۈز بەرگەن. گەرچە ھازىر كىشىلەر يەر تەۋرەشنىڭ سەۋەبىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېنىقلىيالمىغان، يەر تەۋرەش قانۇنىيىتىنى تېخى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ بولالمىغان، يەر تەۋرەش ئاپىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىدا دائىم يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن غەيرىي ھادىسىلەرنى − يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىدىكى بېشارەتلەرنى ئىگىلىدى، مەسىلەن، يەر پوستىنىڭ بېسىم كۈچى، يەر ئېلېكترى، يەر ماگنىتى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى رادوننىڭ مىقدارى، يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھايۋانلاردىكى غەيرىي ئىنكاسلار، شۇنىڭدەك ئاجىز يەر تەۋرەشلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە يەر يۈزى شەكىل - ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار. يەر تەۋرەشنى ئالدىن ئۆلچەپ، دەل ۋاقتىدا مۇداپىئە كۆرۈش ئارقىلىق زىياننى ئازلاتقىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار