UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارھەسەن - ھۈسەن

ھەسەن - ھۈسەن

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار تومۇز ياز كۈنلىرىدىكى قارا يامغۇردىن كېيىن، بەزىدە بىز جەنۇبتىن شىمالغا ياي شەكىلدە سوزۇلغان، مۇئەللەقتە لەيلەپ تۇرغان يەتتە خىل رەڭلىك لېنتىنى كۆرىمىز، مانا بۇ ھەسەن - ھۈسەندۇر. بەزىدە ھەسەن - ھۈسەننىڭ يان تەرىپىدە ئىككىنچى ھەسەن - ھۈسەن پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ رەڭگى بىرىنچى ھەسەن - ھۈسەنگە قارىغاندا سەل تۇتۇق بولىدۇ، بۇ ھەسەن - ھۈسەن شولىسى دېيىلىدۇ. ھەسەن - ھۈسەن بىلەن ھەسەن - ھۈسەن شولىسىنىڭ رەڭ تەرتىپى ئەكسىچە بولىدۇ. ھەسەن - ھۈسەننىڭ سىرتى قىزىل، ئىچى بىنەپشە رەڭدە بولسا، ھەسەن - ھۈسەن شولىسىنىڭ سىرتى بىنەپشە، ئىچى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ يىن سۇلالىسىدىلا چىغىناق - تارغاق يېزىقىدا ھەسەن - ھۈسەنگە دائىر مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن. قەدىمكى كىشىلەر ھەسەن - ھۈسەننى ئەجدىھانىڭ يامغۇردىن كېيىنكى ئۆزىنى كۆرسىتىشى دەپ قارايتتى، شۇڭا خەنزۇچە ھەسەن - ھۈسەن دېگەن سۆزنى ئىپادىلەيدىغان «虹» دېگەن خەتتە «虫» يان بۆلىكى قوشۇلۇپ يېزىلغانىدى، بۇ خەت تا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ھەسەن - ھۈسەن ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن ئۇششاق سۇ تامچىلىرىنىڭ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن. ئەگەر بىز ھاۋا ئوچۇق ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇنلىرى قۇياشقا كەينىمىزنى قىلىپ تۇرۇپ ئاسمانغا بىر يۇتۇم سۇنى پۈركىسەك، سۇ يۈزىدە كىچىك ھەسەن - ھۈسەننىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. ھالبۇكى قاتتىق ئۆتكۈنچى يامغۇردىن كېيىن، مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۇششاق سۇ تامچىلىرى ھاۋادا لەيلەپ يۈرىدۇ، ئۇلار خۇددى ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن پرىزمىغا ئوخشايدۇ، كۈن نۇرى ئۇلاردىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل، كۆكۈچ، يېشىل، كۆك، بىنەپشە قاتارلىق يەتتە رەڭلىك نۇر بەلۋېغىغا ئاجىرىلىپ، ئاندىن قايتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قۇياش (ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئەتراپىدا) بىلەن يامغۇر تامچىلىرىدىن شەكىللەنگەن «يامغۇر پەردىسى» ئارىلىقىدا تۇرغان ئادەم رەڭگارەڭ ھەسەن - ھۈسەننى كۆرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇششاق سۇ تامچىلىرى قۇياش نۇرىنى ئىككى قېتىم سۇندۇرۇپ قايتۇرسا، ئۇ ھالدا ھەسەن - ھۈسەننىڭ سىرتىدا رەڭگى سەل تۇتۇق، رەڭ تەرتىپى ھەسەن - ھۈسەننىڭ ئەكسىچە بولغان ھەسەن - ھۈسەن شولىسى شەكىللىنىدۇ. ھەسەن - ھۈسەن رەڭگىنىڭ قېنىقلىق دەرىجىسى ھەسەن - ھۈسەن بەلۋېغىنىڭ كەڭلىكى ۋە ھاۋادىكى سۇ تامچىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۇ تامچىلىرى چوڭ بولسا، ھەسەن - ھۈسەننىڭ رەڭگى ئوچۇق ھەم تارراق بولىدۇ؛ سۇ تامچىلىرى كىچىك بولسا، ھەسەن - ھۈسەننىڭ رەڭگى تۇتۇق ھەم كەڭرەك بولىدۇ. ئەگەر سۇ تامچىلىرى بەك كىچىك بولسا، ھەسەن - ھۈسەن شەكىللەنمەيدۇ. ھەسەن - ھۈسەن ئاساسەن ياز پەسلىدە كۆرۈلىدۇ، قىش پەسلىدە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ياز پەسلىدە گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، يامغۇر تامچىلىرىمۇ بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. ھەمىشە يامغۇردىن كېيىن ھاۋا تېزلا ئېچىلىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھاۋادا نۇرغۇن ئۇششاق سۇ تامچىلىرى لەيلەپ يۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، قۇياش نۇرى چۈشكەندىن كېيىنلا ھەسەن - ھۈسەن شەكىللىنىدۇ. قىش پەسلىدە ئادەتتە ھاۋا قۇرغاق بولىدۇ، يامغۇر ناھايىتى ئاز ياغىدۇ، ئۆتكۈنچى يامغۇر تېخىمۇ ئاز ياغىدۇ، شۇڭا ئاسانلىقچە ھەسەن - ھۈسەن شەكىللەنمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار