UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارشامال

شامال

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار ھاۋانىڭ ھەرىكىتىدىن شامال شەكىللىنىدۇ. ھاۋانىڭ ھەرىكىتى قانچە تېز بولسا شامال شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. چوڭ دائىرىلىك ھاۋاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى يۇقىرى - تۆۋەن ۋە ئوڭ - سول تەرىپىدە پەرقلىق بولىدۇ. مېتېئورولوگىيە ئىلمىدە ھاۋانىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكىتى ۋېرتىكال ھەرىكەت دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھاۋانىڭ كونۋېكسىيىلىك ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھالبۇكى، ھاۋانىڭ گورىزونتال ھەرىكىتى شامالنى كۆرسىتىدۇ. ھاۋانىڭ گورىزونتال ھەرىكىتىنى ھەرقايسى جايلاردىكى تېمپېراتۇرا ۋە ھاۋا بېسىمىنىڭ تارقىلىشىدىكى تەكشىسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاۋانىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى يۇقىرى بېسىملىق جايدىن تۆۋەن بېسىملىق جايغا قاراپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شامال شەكىللىنىدۇ. يۇقىرى بېسىم بىلەن تۆۋەن بېسىم ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا بېسىم پەرقى قانچە چوڭ بولسا، ھاۋانىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ، شامال شۇنچە كۈچلۈك چىقىدۇ. كىشىلەر شامالنى بىلىشتە، شامال يۆنىلىشى بىلەن شامال سۈرئىتىنى بىلىشى زۆرۈر. ئادەت بويىچە شامال كەلگەن يۆنىلىش شامال يۆنىلىشى قىلىنىدۇ. مەسىلەن، غەربىي شىمال شامىلى غەربىي شىمال تەرەپتىن چىققان شامالنى؛ شەرقىي جەنۇب شامىلى شەرقىي جەنۇب تەرەپتىن چىققان شامالنى كۆرسىتىدۇ. شامالنىڭ سۈرئىتى بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ھاۋانىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شامالنىڭ سۈرئىتى شامال كۈچىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ئاساسەن0 بالدىن12 بالغىچە جەمئىي13 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. شامال سۈرئىتى بىلەن شامال دەرىجىسىنىڭ مۇناسىۋىتى كەينى بەتتىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك. گەرچە شامالنىڭ دەرىجىسى12 بالغىچە بۆلۈنسىمۇ، ئەمما بەزىدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەمەلىي شامال سۈرئىتى ئۇنىڭدىنمۇ تېز بولىدۇ، مەسىلەن، قارا قۇيۇننىڭ شامال سۈرئىتى ھەتتا ھەر سېكۇنتىغا200 مېتىردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. شامال ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى شامال ئوخشاش بولمىغان ھاۋا رايىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەر شارىدا يىل بويى ئۆزگەرمەيدىغان پاسات شامىلى بىلەن پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان مۇسسون شامىلىدىن باشقا يەنە تەيفېڭ بورىنى، قارا قۇيۇن، دېڭىز - قۇرۇقلۇق شامىلى، جىلغا شامىلى، فيون شامىلى، بورا شامىلى، قۇرغاق ئىسسىق شامال قاتارلىق خىلمۇخىل شاماللار بار. شامالنىڭ ئىنسانلارغا نىسبەتەن ھەم پايدىلىق تەرىپى، ھەم زىيانلىق تەرىپى بار. يىلدا بىر چىقىدىغان مۇسسون شامىلى ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا كۆپ مىقداردا يامغۇر ئېلىپ كېلىدۇ. بوران يەنە پۈتمەس - تۈگىمەس پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بوران، تەيفېڭ بورىنى، قارا قويۇن، قۇرغاق ئىسسىق شامال قاتارلىقلار خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىگە ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا غايەت زور تەھدىت سالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
شامال | UyghurWiki | UyghurWiki