ئېل نىنو ئىللىق ئېقىمى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدىن بۇيان، دۇنيادا كۆرۈلۈۋاتقان نورمالسىز ھاۋا رايى ھادىسىلىرىدە دائىرىسى كەڭ، ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر، ۋاقتى ئۇزاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنمەكتە. ئالىملار بۇ بىر قاتار نورمالسىز ھاۋا رايى جەريانىدا دېڭىز - ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا سىستېمىسىدىكى مۇھىم ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولغان »ئېل نىنو« ئېقىمىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بايقىدى.
ئېل نىنو ئىسپانچە سۆز بولۇپ، «ئىلاھىي بالا» ياكى «ئىلاھ ئوغلى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، پېرۇ بىلەن ئېكۋادورنىڭ دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى ئىندىئانلار دېڭىز - ئوكيان بىلەن ھاۋا رايىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلار ئەگەر روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز سۈيى ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق بولسا، ئۇزاق ئۆتمەي قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى ھەمدە دېڭىز قۇشلىرىنىڭ توپ - توپ بولۇپ كۆچىدىغانلىقى قاتارلىق ئاجايىپ ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. قەدىمدە ئىندىئانلار خۇراپاتلىق تۈپەيلى بۇ خىل نورمالسىز ئىللىق ئېقىمنى «ئىلاھىي بالا»، يەنى «ئېل نىنو» ئېقىمى دەپ ئاتىغان.
ئېل نىنو دەۋرىيلىك يۈز بېرىدىغان بىر خىل تەبىئىي ھادىسە بولۇپ، تەخمىنەن يەتتە يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىملار يەر شارى ئىقلىمىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېل نىنو ھادىسىسىنى يەككە تەبىئىي ھادىسە بولماستىن، بەلكى يەر شارى ئىقلىمىدىكى نورمالسىزلىقنىڭ بىر تەرىپى دەپ قارىدى. نورمال يىللاردا پېرۇنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى تىنچ ئوكيان بويى رايونلىرى سوغۇق ئوكيان ئېقىمىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرىدۇ. بۇ جايدا دائىرىسى ناھايىتى چوڭ تەبىئىي بېلىقچىلىق مەيدانى بار. ناۋادا ئىقلىمدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سوغۇق ئوكيان ئېقىمىنىڭ ئورنىنى ئىللىق ئوكيان ئېقىمى ئىگىلەپ، قېلىنلىقى30 مېتىردىن ئاشىدىغان ئىللىق ئوكيان ئېقىمى سوغۇق ئوكيان ئېقىمىنىڭ ئۈستىنى قاپلىۋالىدۇ - دە، سوغۇق سۇدا ياشايدىغان نۇرغۇن لەيلىمە جانلىقلار ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراپ بۇ جايدىن ئايرىلىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ، مانا بۇ ئېل نىنو ھادىسىسىدۇر.
مېتېئورولوگلار20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن باشلاپ ئېل نىنو ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى30 نەچچە يىللىق ھاۋا رايى ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈپ، نەچچە قېتىملىق ئېغىر «ئېل نىنو» ھادىسىسى يۈز بەرگەن يىللىرى ھاۋا رايىدا يەر شارى خاراكتېرلىك نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان.1972 - يىلىدىكى يەر شارى ھاۋا رايىنىڭ نورمالسىز بولۇشى شۇ يىلىدىكى ئېل نىنۇ ئىللىق ئېقىمىنىڭ ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇ يىلى ئېلىمىزدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئافرىقىدىكى تۇنىستا200 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن، پېرۇدا40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن.1982 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېل نىنو ئىللىق ئېقىمى يەنە پەيدا بولۇپ، تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئېكۋاتورغا يېقىن رايونلاردا دېڭىز سۈيى ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىپ كەتكەن، ئۇنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە كرىتىماتى ئارىلىدا ياشايدىغان1700 دىن ئارتۇق دېڭىز قۇشى نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن؛ ئارقىدىنلا پېرۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.1983 - يىلىغا كەلگەندە ئېل نىنو ھادىسىسى پۈتكۈل يەر شارىنى قاپلاپ، ئامېرىكا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدە ئۇدا نورمالسىز ھاۋا رايى كۆرۈلگەن.
ئا ق ش ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئېل نىنو ھادىسىسى ئوكيان ئاستىدىكى يانار تاغ لاۋالىرىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىنكەن. لاۋالار ئوكيان ئاستىدىكى يەر پوستى ئۈزۈلمە قاتلىمىدىن ئېتىلىپ چىققاندا، ئېكۋاتور ئەتراپىدىكى تىنچ ئوكيان دېڭىز ئېقىمىغا غايەت زور ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىپ، دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تېمېراتۇرىسى ۋە يۆنىلىشىدە نورمالسىزلىق كېلىپ چىققان.