تاغ گۈمۈرۈلۈش
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
تاغ گۈمۈرۈلۈش تاغ جىنسلىرىنىڭ ئېغىرلىق كۈچ تەسىرىدە غۇلاپ چۈشۈش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئادەتتە تاغلىق رايونلاردىكى تىكرەك جايلاردا يۈز بېرىدۇ. تاغ گۈمۈرۈلگەن ۋاقىتتا، گۈلدۈرلىگەن ئاۋازغا ئەگىشىپ چاڭ - توزان جاھاننى بىر ئالىدۇ، تاغ جىنسلىرى تېز سۈرئەتتە پەس جايلارغا غۇلاپ چۈشىدۇ. بەزى كىشىلەر كىچىك كۆلەمدىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ سىيرىلىپ دومىلاپ چۈشۈشىنىمۇ «تاغ گۈمۈرۈلۈش» دەپ ئاتايدۇ.
تاغ گۈمۈرۈلۈش غايەت زور ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا پۈتكۈل يېزا - كەنتنى ۋەيران قىلىپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنى تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. زاۋۇت ۋە ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، يوللارنى توسۇۋالىدۇ. تاغ گۈمۈرۈلگەندىن كېيىن تاش پارچىلىرى ۋە توپىلار كۆپ مىقداردا دەرياغا چۈشۈپ، دەريا ئېقىنىنى توسۇۋېلىپ كەلكۈن ئاپىتىنى پەيدا قىلىدۇ.1933
- يىلى8 - ئايدا سىچۇەننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ماۋشيەن ناھىيىسىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ سانسىزلىغان تاش پارچىلىرى تاغ ئۈستىدىن مىنجياڭ دەرياسىغا سىيرىلىپ چۈشۈپ، كۆپ ئۆتمەيلا مىنجياڭ دەرياسىدا100 مېتىردىن ئاشىدىغان ئۈچ چوڭ توسمىنى شەكىللەندۈرگەن. دەريا سۈيى توسۇلۇپ قېلىپ، ئىككى «كۆل» ھاسىل بولغان.10 - ئايدا جەنۇب تەرەپتىكى بىر چوڭ توسمىنى تۇيۇقسىز يار ئېلىپ كېتىپ كەلكۈن سۈيى ماۋشيەن ناھىيىسىنىڭ كەڭ زېمىنىنى بېسىپ كەتكەن، شۇ جايدىكى خەلق ئېغىر سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغان.1976
- يىل5 - ئاينىڭ29 - كۈنى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لۇڭلىڭ رايونىدا ئىككى قېتىم كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەشتە ئەتراپتىكى يۈز نەچچە كۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرىدە تاغ گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ كەڭ شال ئېتىزلىرى ۋەيران بولۇپ، نۇرغۇن ئېرىق - ئۆستەڭلەر توسۇلۇپ قالغان، ھەتتا بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
تاغ گۈمۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. تاغ ئېتىكىدە ئۆڭكۈر كولىسا، تونېل قازسا، كان ئاچسىمۇ تاغ گۈمۈرۈلۈش كېلىپ چىقىدۇ. كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاسانلا تاغ گۈمۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ گۈمۈرۈلۈشنىڭ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شامالنىڭ تاغ جىنسلىرىنى يىمىرىشى، سۇنىڭ ئۇپرىتىشى، دەھشەتلىك قارا يامغۇرنىڭ يېغىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ بەزىدە تاغ گۈمۈرۈلۈش يۈز بېرىدۇ.
قالايمىقان ئۆڭكۈر كولىماسلىق، كان ئاچماسلىق، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق تاغ گۈمۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، تاغدا كەڭ دائىرىدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش، گۈمۈرۈلۈش ئاسان يۈز بېرىدىغان تىك يانباغىر ۋە خەتەرلىك جايلاردا بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق تاغ گۈمۈرۈلۈش ئاپىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.