دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى ۋە قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى يازدا سالقىن بولىدۇ، قىشتا سوغۇق بولمايدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ سوتكىلىق پەرقى كىچىك بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق جايلار يازنى ئۆتكۈزۈشتىكى ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇقلۇق ئىقلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى قۇرغاق، قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق، تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق ۋە سوتكىلىق پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ئىقلىم ئاساسلىقى يەر يۈزىنىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دېڭىز - ئوكيان بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىدە ناھايىتى زور پەرق بولغانلىقتىن، ئوخشاش قۇياش رادىئاتسىيىسى شارائىتىدا، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىش ئەھۋالى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ ئىسسىقلىقنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇقلۇقنىڭكىدىن خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ، دېڭىز - ئوكيانغا چۈشكەن قۇياش ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ناھايىتى ئاز قىسمىلا قايتۇرۇۋېتىلىدۇ، كۆپ قىسمىنى دېڭىز سۈيى قوبۇل قىلىۋالىدۇ ھەمدە دولقۇنلىنىش ھەرىكىتى ئارقىلىق دېڭىز - ئوكياننىڭ ئىچكى قىسمىدا زاپاس ساقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پىژغىرىم ياز پەسلىدىمۇ دېڭىز - ئوكياننىڭ تېمپېراتۇرىسى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتمەيدۇ. ئوخشاش كەڭلىكتىكى قۇرۇقلۇق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دېڭىز - ئوكيان تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى خېلىلا كىچىك بولىدۇ. قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە گەرچە قۇياش رادىئاتسىيىسى ئاز بولسىمۇ، ئەمما دېڭىز - ئوكياندا زاپاس ساقلىنىۋاتقان ئىسسىقلىق مۇقىم ھالدا قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كەڭلىكتىكى باشقا قۇرۇقلۇق رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا دېڭىز - ئوكيان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا دېڭىز - ئوكيانلار خۇددى غايەت زور تېمپېراتۇرىنى ئاپتوماتىك تەڭشەش ئەسۋابىغا ئوخشاش ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ.
دېڭىز - ئوكياندىن يىراق بولغان قۇرۇقلۇقنىڭ كىندىك رايونلىرى دېڭىز - ئوكياننىڭ تەڭشىشىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق ۋە سوتكىلىق پەرقى دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. تەيۋەن بوغۇزىدىكى پىڭتەن ئارىلىدا تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە سوتكىلىق پەرقى ℃ 4.9، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى فۇجيەننىڭ يۇڭئەن دېگەن يېرىدىن ℃ 5.5 تۆۋەن. ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسىم ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن جايلىرىدا تېمپېراتۇرىنىڭ سوتكىلىق پەرقى ئادەتتە ℃ 20 ~℃ 25 بولىدۇ، تۇرپان ئويمانلىقىدا بولسا ℃ 50 قا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تېمپېراتۇرىنىڭ يىللار ئارا ئۆزگىرىشى جەھەتتە، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى رايونلاردا پەرق بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ نەنخەي ئاراللىرىدا بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى پەقەت ℃ 28 − ℃ 29 بولىدۇ، ئەمما ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان چۇڭچىڭ، چاڭشا، نەنچاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ℃ 34 −℃ 35 تىن يۇقىرى بولىدۇ.
دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمىدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاستا بولىدۇ، ئەتىياز كېچىكىپرەك كېلىدۇ، يازمۇ ئاستا چىقىدۇ، ئەتىيازدىكى تېمپېراتۇرا ئادەتتە كۈزدىكى تېمپېراتۇرىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەكسىچە، قۇرۇقلۇق ئىقلىمىدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولىدۇ، ئەتىياز بالدۇر كېلىدۇ، يازمۇ بالدۇر كېتىدۇ، ئەتىياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرا كۈز پەسلىدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى دېڭىز - ئوكيان ھاۋا ماسسىسى بىلەن ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆپ، بىر يىل ئىچىدە ھۆل - يېغىننىڭ ھەرقايسى پەسىللەرگە تەقسىملىنىشى بىرقەدەر تەكشى ھەمدە قىش پەسلىدە ھۆل - يېغىن بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ؛ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىدا يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز، بىر يىل ئىچىدىكى ھۆل - يېغىننىڭ پەسىللەرگە تەقسىملىنىشى تەكشىسىز ھەمدە ياز پەسلىدىكى ھۆل - يېغىن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ.