قۇملۇق ئىقلىمى
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
قاتتىق قۇرغاق بولىدىغان قۇملۇق ئىقلىمىنىڭ كەڭلىكتىكى تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، قۇملۇق ئىقلىمى رايونىدىكى ئوخشاش بولمىغان جايلارنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. كەڭلىكتىكى ئورنىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، تۆۋەن كەڭلىكتىكى قۇملۇق ۋە ئوتتۇرا كەڭلىكتىكى قۇملۇق دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. تۆۋەن كەڭلىكتىكى قۇملۇق ئىسسىق قۇملۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ جەنۇبىي ۋە شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ ئەتراپىدىكى سۇبتروپىك بەلۋاغ يۇقىرى بېسىم رايونىغا جايلاشقان، مەسىلەن، ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى، ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەرەب قۇملۇقى، ئاۋسترالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى چوڭ قۇملۇق قاتارلىقلار. ئوتتۇرا كەڭلىكتىكى قۇملۇق سوغۇق قۇملۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ مۆتىدىل بەلۋاغ چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان، مەسىلەن، ئېلىمىزدىكى شىنجاڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇل رايونى ۋە شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قۇملۇق قاتارلىقلار.
قۇملۇق ئىقلىمىنىڭ تۆۋەندىكىدەك روشەن ئالاھىدىلىكى بار:
بىرىنچى، ھۆل - يېغىن ئاز، ئىقلىمى قۇرغاق. ئېلىمىزنىڭ قۇملۇق رايونلىرىنى مىسالغا ئالساق، كۆپىنچىسىنىڭ يىللىق يامغۇر مىقدارى50 ~100 مىللىمېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ، ئەڭ ئاز بولىدىغان جايلاردا10 مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. مەسىلەن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چاقىلىقىنىڭ يىللىق يامغۇر مىقدارى ئاران9 .16 مىللىمېتىر، توقسۇن ناھىيىسىدە يامغۇر مىقدارى تېخىمۇ ئاز بولۇپ، پەقەت9 .5 مىللىمېتىر.
ئىككىنچى، قۇم - بورانلىق ھاۋا رايى كۆپ بولىدۇ. بوران چىققاندا، قۇم ئەتراپنى قاپلاپ، يەر - جاھان قاراڭغۇلىشىدۇ؛ بوران توختىغاندىن كېيىن قۇم يەر يۈزىدە دۆۋىلىنىپ، چوڭ - كىچىك، ئېگىز - پەس قۇم بارخانلىرى توپىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەڭ ئېگىز قۇم بارخىنىنىڭ ئېگىزلىكى400 مېتىردىن ئاشىدۇ.
ئۈچىنچى، قىشتا سوغۇق، يازدا قاتتىق ئىسسىق، تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق ۋە سوتكىلىق پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى قۇملۇقلارنىڭ قىش پەسلىدە1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 20- تىن تۆۋەن، ئەمما ياز پەسلىدە7 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 26 ~℃ 30 تىن يۇقىرى، تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق پەرقى تەخمىنەن ℃ 50 بولىدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق پەرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قۇملۇق رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ سوتكىلىق پەرقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، تۇرپان ئويمانلىقىدا ياز پەسلىدە كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇتلەق تېمپېراتۇرا ℃ 3 .82 قا يەتكەن، ئەمما كېچىسى تېمپېراتۇرا يەنىلا ℃ 0 تىن تۆۋەن بولغان، تېمپېراتۇرىنىڭ سوتكىلىق پەرقى ℃ 80 تىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا تۇرپان ئويمانلىقى توغرىسىدا «ئەتىگەندە جۇۋا، چۈشتە شايى كىيىشەر، ئوچاق بېشىدا ئولتۇرۇپ قوغۇن - تاۋۇز يېيىشەر» دېگەن سۆزلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيادىكى ھەر خىل ئىقلىم تىپلىرى ئىچىدە، قۇملۇق ئىقلىمىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەڭ كەسكىن ۋە مۇتلەق بولىدۇ.
قۇملۇق ئىقلىمى مۇھىتىدا قۇرغاق شارائىتقا ماسلىشالايدىغان بەزى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ياشايدۇ، مەسىلەن، تۆگە، قۇملۇق چاشقىنى، كەسلەنچۈك، كاكتۇس، توغراق، جىگدە قاتارلىقلار. تولۇقسىز ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ قۇملۇق رايونىدا ئۆسىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر1000 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە300 خىلدىن كۆپرەكىنى دورا ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.