UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارمۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمى

مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمى

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار قىش سوغۇق، ياز ئىسسىق، تۆت پەسىلنىڭ ئېنىق بولۇشى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ. پۈتۈن يەر شارىدىكى تارقىلىشىدىن قارىغاندا، مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىنىڭ ئەھۋالى بىرقەدەر مۇرەككەپ ۋە خىلمۇخىل. رايونلار بىلەن ھۆل - يېغىن ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىنى مۆتىدىل بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى، مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى، مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسون ئىقلىمى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى قاتارلىق بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. مۆتىدىل بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى ئاساسلىقى ياۋروپانىڭ غەربىي دېڭىز بويى، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چىلىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويى، شۇنىڭدەك يېڭى زېلاندىيە، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئالياسكىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان. بۇ جايلار دېڭىز - ئوكيان غەرب شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، قىشتا ئىللىق بولىدۇ، يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ، يىل بويى نەم ۋە كۆپ يامغۇرلۇق، ھۆل - يېغىننىڭ تەقسىملىنىشى بىرقەدەر تەكشى بولىدۇ. مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىم رايونى ئاساسلىقى ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىغا تارقالغان. بۇ رايونلار قۇرۇقلۇق ھاۋا ماسسىسىنىڭ كونتروللۇقى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، قىشتا سوغۇق، يازدا قاتتىق ئىسسىق، ھاۋاسى قۇرغاق، ھۆل - يېغىن مىقدارى بىرقەدەر ئاز بولىدۇ. مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسون ئىقلىمى رايونى ئاساسلىقى شىمالىي كەڭلىك °35~°55 تىكى ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىي جۇڭگو ۋە شەرقىي شىمال رايونى، چاۋشيەن، ياپونىيە، شۇنىڭدەك روسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىش پەسلىدە مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ھاۋا ماسسىسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچراپ، شامال ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز - ئوكيانغا قاراپ چىقىدۇ، كۆپ قىسىم رايونلىرى قۇرغاق ۋە ئاز يامغۇرلۇق بولىدۇ؛ يازدا مۆتىدىل بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان ھاۋا ماسسىسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچراپ، شامال دېڭىز - ئوكياندىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا قاراپ چىقىدۇ، نەم ۋە كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. ئېلىمىز تىپىك مۇسسون ئىقلىمى دۆلىتى بولۇپ، غەربىي قىسمىدىكى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ۋە يۈننەن - گۇيجۇ ئېگىزلىكى قاتارلىق رايونلاردىن باشقا كۆپ قىسىم رايونلىرى مۇسسون ئىقلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. دۇنيادىكى ئوخشاش كەڭلىكتىكى دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىز قىشتا ئەڭ سوغۇق، يازدا ئەڭ ئىسسىق بولىدۇ. مەسىلەن، گۇاڭجۇ بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى كۇبانىڭ پايتەختى خاۋانا ئاساسەن ئوخشاش كەڭلىككە جايلاشقان، ئەمما بۇ ئىككى جاينىڭ1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن ℃ 8 پەرقلىنىدۇ، گۇاڭجۇ سوغۇق، خاۋانا ئىللىق بولىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى لىۋېرپۇل بىلەن ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى موخې بازىرى ئاساسەن ئوخشاش كەڭلىككە جايلاشقان. لىۋېرپۇلنىڭ1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 4.3، ئەمما موخېنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ھەمىشە ℃ 35 -~℃ 40 - بولىدۇ. مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمى دۇنيادا ئەڭ كەڭ تارقالغان ئىقلىم تىپى ھېسابلىنىدۇ. مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، تىپى مۇرەككەپ ۋە خىلمۇخىل بولغاچقا، جانلىقلار ئۈچۈن ياخشى ئىقلىم مۇھىتى ھازىرلانغان، بۇنىڭ بىلەن رەڭگارەڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك دۇنياسى شەكىللەنگەن. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، يازدا كۆكىرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان، يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ۋە يىڭنە - كەڭ يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمانلار بار. ئوتلاق رايونلىرىدا يۈگۈرۈش ۋە ئۇچۇشقا ماھىر ھايۋانلار ياشايدۇ؛ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلاردا چوڭ تىپتىكى گۆشخور ھايۋانلار ياشايدۇ؛ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلاردا سوغۇققا چىداملىق بەزى ھايۋانلار ياشايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمى | UyghurWiki | UyghurWiki