UyghurWiki
UyghurWikiھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارگۈلدۈرماما ۋە چاقماق

گۈلدۈرماما ۋە چاقماق

ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار گۈلدۈرماما ۋە چاقماق ئاتموسفېرادىكى بىر خىل زەرەت قويۇپ بېرىش ھادىسىسىدۇر. كىشىلەر گۈلدۈرماما ۋە چاقماقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلىشتىن بۇرۇن، ئاسماندا «چاقماق مۇئەككىلى»، «چاقماق ئانا» دەيدىغان ئىلاھلار مەۋجۇت دەپ قارايتتى ۋە ۋاپاسىزنى چاقماق ئۇرغانلىقىغا ئائىت ھېكايىنى توقۇپ چىقىش ئارقىلىق ئانا - ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.1752 - يىلى7 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئا ق ش لىق ئالىم فرانكلىن ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىۋاتقاندا، ئۇچىدا تۆمۈر سىم بولغان يىپەك لەگلەكنى ئاسمانغا ئۇچۇرۇپ چاقماقنى يىغقان. بۇ قېتىملىق تەجرىبە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئېچىلماي كېلىۋاتقان گۈلدۈرماما ۋە چاقماقنىڭ سىرىنى، يەنى گۈلدۈرماما بىلەن چاقماقنىڭ بىز ئادەتتە ئۇچرىتىدىغان ئىككى جىسىم سۈركەلگەندە زەرەت پەيدا بولغىنىغا ئوخشاش ئىش ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەردى. ياز پەسلىدىكى تىنچىق ئىسسىق بولىدىغان چۈشتىن كېيىن ۋە كەچقۇرۇنلاردا، يەر يۈزىدىكى ئىسسىق ھاۋا كۆپ مىقداردىكى سۇ پارىنى ئېلىپ ئۈزلۈكسىز ئاسمانغا كۆتۈرۈلىدۇ - دە، پارچە - پارچە يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتنى شەكىللەندۈرىدۇ. يامغۇرلۇق توپ بولۇتنىڭ ئوخشاشمىغان قىسىملىرىغا مۇسبەت زەرەت بىلەن مەنپىي زەرەت توپلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يەر يۈزى يېقىن جايدىكى يامغۇرلۇق توپ بولۇتتىكى ئېلېكتر زەرەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇلۇت تۈۋى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئېلېكتر زەرەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئوخشاش بولمىغان زەرەتلەر ئۆزئارا تارتىشىدۇ، ئەمما ھاۋانىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناھايىتى ناچار بولغاچقا، مۇسبەت ۋە مەنپىي ئىككى خىل زەرەتنىڭ قوشۇلۇشىنى توسىدۇ. بۇلۇت قاتلىمىدىكى ئېلېكتر زەرەتلىرى بارغانسېرى توپلىنىپ كۈچىيىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشىنى توسۇپ تۇرغان ھاۋا قەۋىتىنى تېشىپ تار يول ئاچىدۇ - دە، شىددەت بىلەن قوشۇلىدۇ. بۇلۇتتىكى ئېلېكتر ئېقىمى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئېچىلغان يولدىكى ھاۋا كۆيۈپ قىزىپ، تېمپېراتۇرىسى قۇياش يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىنمۇ نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، شۇڭا كۆزنى چاقنىتىدىغان ئاق نۇر چىقىرىدۇ، مانا بۇ چاقماقتۇر. گۈلدۈرماما يولدىكى ھاۋا بىلەن بۇلۇت تامچىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرىدىن تۇيۇقسىز كېڭەيگەندىن كېيىن چىقارغان غايەت زور ئاۋازدىن ئىبارەت. چاقماق بىلەن گۈلدۈرماما ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ، ئەمما چاقماق بىر خىل نۇر بولغاچقا، ئۇنىڭ تېزلىكى (ھەر سېكۇنتىغا300 مىڭ كىلومېتىر) گۈلدۈرمامىنىڭ تېزلىكىدىن (ھەر سېكۇنتىغا340 مېتىر) تېز بولىدۇ. شۇڭا بىز دائىم ئاۋۋال چاقماق چاققاننى كۆرىمىز، ئاندىن گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلايمىز. گۈلدۈرماما ۋە چاقماق ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئورمانلاردا ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلىدۇ، يۇقىرى بېسىملىق توك يوللىرىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. گۈلدۈرماما ۋە چاقماق يەنە ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئۇچۇشىدىكى چوڭ توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا ئايروپىلان گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ قالسا، ئوڭايلا كۈچلۈك سىلكىنىشكە ئۇچرايدۇ، ئايروپىلاننىڭ سىرتقى قېپىغا مۇز قېتىشىدۇ، ھەتتا بىۋاسىتە چاقماق زەربىسىگە ئۇچراپ، ئايروپىلان ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، گۈلدۈرماما بىلەن چاقماقنىڭ ھەممىسىلا ئاپەت پەيدا قىلمايدۇ. يازنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە گۈلدۈرماما ۋە چاقماقنى پەيدا قىلىدىغان گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق بۇلۇت دائىم يامغۇر ئېلىپ كېلىپ، زىرائەتلەرنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ئاتموسفېرادىكى چاڭ - توزان ۋە ئىس - تۈتەك قاتارلىق بۇلغانمىلارنى پاك - پاكىز يۇيۇپ ئاتموسفېرانى ساپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋا ساپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چاقماق پەيدا قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھاۋادىكى ئازوت بىلەن ئوكسىگېن بىۋاسىتە رېئاكسىيىلىشىپ، ئازوت (Ⅳ) ئوكسىدنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ يامغۇر سۈيى بىلەن بىرلىكتە تۇپراققا سىڭىپ، نىترات تۇزلىرىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ ئېتىزنى كۈچەيتكۈچى ئېسىل ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار